باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۆسمە بايقالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

2017.05.03 11:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىگەر ئۆسمىسى كۆپىنچە شەپىسىز كېلىدۇ، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسىدا ئۆسمە بايقالغان ھامان، ئۆسمىنى CT ئاپپاراتىدا ياكى يادرو ماگنىتلىق رېزونانستا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىش لازىم. ئۆسمىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن كېيىنكى قەدەمدىكى داۋالاش لايىھەسىنى قارار قىلىشقا بولىدۇ.

  بۇ جەرياندا , ئەگەر خالتىلىق ئىششىق ياكى قان تومۇر ئۆسمىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، دىئامېتىرى 8 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىپ داۋالاش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا, جىگەر بېزى ئۆسمىسى، چەكلىك ئوچاقلىق تۈگۈنچە گۆشسىمان ئۆسۈكچە (FNH) قاتارلىقلارمۇ جىگەردىكى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىگە تەۋە. جىگەر خالتىلىق ئىششىقى ۋە جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى قاتارلىق بۇ ئىككى خىل ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە تۇغما ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، تۇغۇلغاندا خۇددى جىگەرگە كۆمۈلگەن بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ، پەقەتلا بىخلىنىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى يىگىرمە نەچچە ياشتا، بەزىلىرى 70-80 ياشتا چوڭىيىدۇ. ئۇلار سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئادەتتە دەرھال بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىردىنبىر يامان تەرىپى، بۇ خىل ئۆسمىلەر ئاستا-ئاستا چوڭىيىدۇ، بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى خۇددى بىر چوڭ قان سومكىسىغا ئوخشاش بولۇپ، تاشقى زەخمە تەسىرىدە يېرىلىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا يىلدا بىر قېتىم بەدەن تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. ئۆسمىنى ئالدى بىلەن كۆزىتىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرتۈشكە بولىدۇ.

  ئەگەر يادرو ماگنىتلىق رېزونانستا ۋەCT دا تۆۋەن ئاۋازلىق قايتۇرۇش رايۇنىنىڭ پەقەت بىر ئاددىي ھالدىكى جىگەرنى ماي قاپلاش ئىپادىسىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، بۇ خىل ئەھۋالنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز. ئادەتتە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ، مايلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئازايتىپ، ئورۇقلاپ, جىگەرنى داۋالاشقا بولىدۇ، كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.

  ئەگەر يادرو ماگنىتلىق رېزونانستا ۋە CTدا ئېنىقلانغىنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە مايىل ئالامەتلەر بولسا، ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئويلىشىش لازىم. ئۈچ سانتېمىتىردىن كىچىك ئۆسمىنى رادىئو چاستوتىدا ئېرىتىپ داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر