باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋىتامىننىڭ يېڭى ئۈنۈملىرى بايقالدى

بوغماق ئۈچەي راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى, ئۆپكە راكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى داۋالاشتا يېڭى ئۈمىد تۇغۇلدى

2017.04.27 10:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ۋىتامىن ئادەمگە كۆپ پايدىلىق. مەسىلەن، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى، سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش ۋە PM2.5نىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىرى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ۋىتامىننىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار ئىكەن.

  ۋىتامىن Aنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى روشەن ئىكەن. شىۋىتسارىيە فېدىراتسىيەسى تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ۋىتامىن A تۈرىدىكى بىرىكمىلەرنىڭ راك غول ھۈجەيرىلىرىنى تازىلاشقا بولغان ياردىمىمۇ خېلى كۆرۈنەرلىك ئىكەن، ھەمدە ئۇنىڭ قايتا قوزغىلىش ۋە كۆچۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بوغماق ئۈچەي راكى بار كىچىك چاشقان مودېلىنى ۋىتامىن A تۈرىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمە ئارقىلىق داۋالىغاندا، راكنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى ئۈزۈپ قويغان، ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرى يۆتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغان. تەتقىقاتچىلار بىمارلارنىڭ ئۈلگىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈنۈمنى بايقىغان.

  ۋىتامىن Aنى تولۇقلاش ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى داۋالاشقا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئەنگلىيە لوندون ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋىتامىن Aنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدە پەيدا بولغان ئۆسمىنىڭ ئەتراپىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەپ، تالالىشىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىپ، ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ تارقىلىشى تەس بولغان مۇھىتنى ھاسىل قىلىدىكەن.

  ۋىتامىن Cنىڭ يامان سۈپەتلىك تۆگۈن تۈز ئۈچەي راكىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى تورمۇزلاشقا بولغان ياردىمى بار ئىكەن. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C (300 تال ئاپېلسىندىكى مىقدارى) كىچىك ئۆي چاشقىنىنىڭ بەدىنىدىكى تۈگۈن تۈز ئۈچەي ئۆسمىسىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلىگەن، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋىتامىن C ئارقىلىق ئالاھىدە تىپتىكى تۈگۈن تۈز ئۈچەي راكىنى داۋالىشىغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

  ۋىتامىن C ۋە كاروتىن قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار ئۆپكە راكىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. كانادا دۆلەتلىك پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرىدىن بايقىلىشىچە، تەركىبىدە يۇقىرى كاروتىن بولغان ۋە ۋېتامىن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار نۇرغۇنلىغان ئۆپكە راكى كېسەللىك مىساللىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، ۋىتامىن Cنىڭ دائىم تاماكا چېكىدىغان ئەرلەر ۋە تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى بارلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، β كاروتىن، α كاروتىن، β يوشۇرۇن سېرىق ماددا ۋە پەمىدۇر قىزىل پىگمېنتى قاتارلىقلارنىڭمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھالبۇكى، بۇ ماددىلار ئادەتتە بۇرمىسىمان يۈسۈن، يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار، تاتلىقياڭيۇ, سەۋزە, كاۋا, ماڭگو قاتارلىق نۇرغۇن تەبىئىي يېمەكلىكلەر تەركىبىدە بولىدىكەن.

  يۇقىرى سەۋىيىلىك ۋىتامىن D سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ياشاش مەزگىلىنى ئۇزارتالايدىكەن. ۋىتامىن Dنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەنبەسى ئاپتاپقا قاقلىنىش، سېمىز بېلىقلارنى يېيىش، ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسىنى ئىستىمال قىلىش، تۇخۇم سېرىقى ۋە ئاشلىق قاتارلىقلار ئىكەن. ئامېرىكا قەيسەر داۋالاش ئورگىنى ۋە روسۋېل پاركىر راك كىسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى 2006- يىلدىن 2013- يىلغىچە 1666 نۇسخا كېسەل ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلغان، نەتىجىدە، بەدىنىدە ۋىتامىنD سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان بىمارلارنىڭ ياشاش مۇمكىنچىلىكى %30 ئۆسكەنلىكىنى، ھەمدە ياشاش مەزگىلى تېخىمۇ ئۇزاق بولغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى، ۋىتامىن D نورمال سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت راكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلايدىكەن، ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر