باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوڭ پۇتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىششىپ سەمرىپ كېتىشى ئەسلىدە قان نوكچىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن

2017.04.26 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ كەسپى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قان تومۇر توسۇلۇش سەۋەبىدىن بىر پۇتى ئىششىپ يوغىناپ كەتكەن بىر ياشانغان كىشىنى داۋالىدى.24-ئاپرىل، مۇخبىر دوختۇرخانىدا قايتا تەكشۈرۈنۈشكە كەلگەن بىمار زۇنۇن بوۋاينى ئۇچراتتى، دوختۇر قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىمارنىڭ پۇتىدىكى بۇرۇنقى ئىششىقنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يوقىغانلىقى، ئەسلىدىكى چىرىغان تېرىسىنىڭ ئورنىغا ئاستا-ئاستا يېڭى تېرە ئۆسۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  زۇنۇن بوۋاينىڭ مەسئۇل دوختۇرى، يەنى شىنجاڭ كەسپى دوختۇرخانىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرى شى بو مۇنداق دېدى، زۇنۇن بوۋايدا «پىل پۇت» ئاسارىتىنىڭ پەيدا بولۇشى، چوڭ ۋېنا تومۇرىنىڭ كۆپ جايىدا شەكىللەنگەن كونا خاراكتېرلىك قان نوكچىسىنىڭ قان تومۇرنى توسۇۋېلىشى سەۋەبىدىن بولغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوختۇرخانا داۋالىغان «پىل پۇتى» بىمارلىرى 20 نەچچىگە يەتتى، ئۇلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا ۋە چوڭ ياشلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  10 يىل بۇرۇن، زۇنۇن بىر قېتىم قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپ، ئوڭ تەرەپ يوتا غول سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋالغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئانچە ئېرەن قىلمىغان، پەقەت ئاز تولا ياللۇغقا قارشى دورىلارنى يەپ يۈرگەن. بىراق كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى خۇددى يەل بەرگەندەك ئىششىپ، بارغانسىرى يوغىناپ كەتكەن، قىسقىغىنە بىر قانچە ئاينىڭ ئىچىدىلا، زۇنۇننىڭ ئوڭ پۇتى سول پۇتىغا قارىغاندا ئايلانمىسىدا يەتتە سانتىمېتىر كېڭىيىش بولۇپ ئەۋج ئېلىپ كەتكەن.

  بۇ ھالەت ھەرىكەت قىلىش، مېڭىش، ھەتتاكى ئىشتان كىيىش، ئاياغ كىيىشتىمۇ زۇنۇن بوۋايغا ناھايىتى چوڭ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن، زۇنۇن بوۋاي بۇ بىر قانچە يىلدا داۋالاش ئۈچۈن نەچچە قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن داۋالاش ئۈنۈمى ئۇنچە ياخشى بولمىغان.

  يېقىندا، زۇنۇن بوۋاي تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغاندا، پۇتىنىڭ تۆۋەن قىسمى تۇيۇقسىز قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتكەن، ئۇ ئىشتىنىنى قايرىپ قاراپ، ئېچىشقان جايدىكى تېرە قىسمىنىڭ قارىداپ، چىرىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەن. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، تېزدىن «ئوڭ تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ئوپىراتسىيەسى» قىلىنغان.

  -ئەگەر يەنە ۋاقتىدا داۋالىمىساق، تېرە يۇمشاق توقۇلمىلىرى كەڭ دائىرىدە چىرىپ كېتەتتى. - دېدى شى بو دوختۇر.

  دوختۇرخانا بىمارغا ناھايىتى تېزلا مىكرو زەخىمىلىك كىرگۈزۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدى ۋە تۆۋەنكى مۈچە چوڭ ۋېناسىغا تۈۋرۈك قويۇش ئارقىلىق، قان تومۇرنى راۋانلاشتۇردى.

  شى بو يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر ياشانغانلارنىڭ تۆۋەنكى مۈچە (پۇت قىسمىدا) ئىششىق كۆرۈلسە، ئۇنداق كىشىلەر تۆۋەنكى مۈچە ۋېنا تومۇرىدىكى قان نوكچىسىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، ئەگەر قان نوكچىسىدا ئاجراپ چۈشۈپ كېتىش كۆرۈلگەن بولسا، شۇ ھامان، كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يۈرەك توختاپ قېلىش سەۋەبلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

  پۇت قىسمىدا ئىششىق كۆرۈلگەندە، ئۇنى خالىغانچە ئۇۋىلاپ باسماسلىق كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر