باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاتا-ئانىلار تاماكا چەكسە بالىسىنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى كۆپىيىدۇ

2017.04.26 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فىرانسىسكو تارماق مەكتىپىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ تاماكا چېكىشى بالىسىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى (ALL)نىڭ پەيدا بولۇشىغا زامىن بولىدىكەن.

  ئاتا-ئانىلارنىڭ تاماكا چېكىش ئادىتى بالىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 599 بالىنىڭ داۋالاشتىن ئىلگىرىكى ئۆسمە نۇسخىسىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەۋرىشكە تەركىبىدە ئاز دېگەندە بىر خىل گېن كەمچىل بولغان ۋە توساتتىن ئۆزگىرىش بولغان. ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تاماكا چەككەن ئەھۋالدا، بالىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك گېن كەمتۈك بولۇشى تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىكەن. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۈنىگە تاماكا چېكىش مىقدارى بەش تالدىن ئېشىپ كەتسە، پەرزەنتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك گېن كەمتۈك بولۇش سانى %22 ئاشىدىكەن؛ بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە كۈنىگە تاماكا چېكىش مىقدارى بەش تالدىن ئاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك گېن كەمتۈك بولۇش سانى %74 ئاشىدىكەن. ھامىلىدار بولۇش ئالدىدا، ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈندىلىك تاماكا چېكىش مىقدارى بەش تالغا يەتكەن بولسا، كەلگۈسىدە بالىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك گېن كەمتۈك بولۇش سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7 ۋە %8 ئاشىدىكەن.

  تەتقىقاتىدىن يەنە بايقىلىشىچە، مەيلى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېككەن بولسۇن، ياكى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى تاماكا چەككەن بولسۇن، ئوغۇل بالىغا ئانىسىنىڭ تاماكا چەككەن تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ بەلكىم ئەرلەردە تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ تېز بولۇشى ۋە يېتىلىۋاتقان لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەھەرلىك ماددىلارغا تېخىمۇ چىدامسىز بولىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر