باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كىچىك بالىنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتسە دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەكمۇ؟

2017.04.25 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇنەنلىق ئوقۇرمەن ۋۇ خانىم بىر دوختۇردىن مۇنۇلارنى سورىدى: قىزىم بۇ يىل ئىككى يېرىم ياشقا كىردى، تۈنۈگۈن ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن قۇسۇپ، چۈشلۈك تاماقنىمۇ بىر نەچچە قوشۇقلا يېدى، بىر كۈندە بەش قېتىم ئىچى سۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، 38 گىرادۇسقا يېتەيلا دەپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ چۈشتىن كېيىنكى روھىي ھالىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ ئارىلىقتا مەن بالىغا نەچچە قېتىم تۇز سۈيى بەرگەن. قانداق ئەھۋال ئاستىدا بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن؟

  جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى شياڭيا دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ لى ئۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىپ: بالىنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆزىتىپ ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىش بارماسلىقنى قارار قىلىڭ، دېدى.ھەمدە، قىزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا،ئۇنى يەنىلا ئۆيدە توختىتىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن كۈندىلىك خەۋەر ئېلىپ داۋالىسىڭىز بولىدۇ، تۇز سۈيىنى ئۈزۈلدۈرمەي تولۇقلاپ بېرىڭ. مەن سىزگە بالىنىڭ مېۋە شەربىتى ياكى شوۋىگۈرۈچ ئىچىگە بۇرام تالقان دورىسى قوشۇپ بېرىش تەكلىپىنى بېرەي، ھەر قېتىمدا بىر خالتا، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىرىپ بېرىڭ، بۇ دورىنىڭ مىكرو ئورگانىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئانتىتوكسىن رولى بار، ھەمدە ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش رولى بار، دېدى.ئۇندىن باشقا، بالا بىر نەرسە يېگۈسى كەلگەندە،ئۇنىڭغا بېرىڭ، تاماقتىن پەرھىز تۇتماڭ. بالىنىڭ قۇسۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېمەك-ئىچمەك تاللىغاندا ئامال بار سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن شوۋىگۈرۈچ، مايسىز گۆش شورپىسى قاتارلىق تاماقنى يېگۈزۈشىڭىز كېرەك، دېدى.

  ئەگەر بالىنىڭ ھالىدىن يۇقىرىدا دېيىلگەندەك خەۋەر ئېلىپ داۋالىغاندىمۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرىدە يەنىلا ياخشىلىنىش بولمىسا، ھەمدە بالىنىڭ روھىي ھالىتى يەنىلا ئەسلىگە كەلمىسە، ئۇ چاغدا چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشىڭىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر