باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سەۋەبسىز تەرلەپ، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە تۇيۇقسىز دېمى سىقىلىپ، كۆكرەك ئاغرىش

شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، يۇقىرىقىلار كىشىلەر تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا، يۈرەكنىڭ قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ

2017.04.20 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ نىسبىتى سىجىل ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە ئىكەن. ھەر يىلى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان كېسەللەرنىڭ ئىچىدە يۈرەك مەنبەلىك بولغانلىرىنىڭ سانى 540 مىڭدىن ئاشىدىكەن. دېمەك، مىنۇتىغا تەخمىنەن بىر ئادەم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىكەن. يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، ئۇ كۆپىنچە ھاللادا تۇيۇقسىز بولىدىكەن ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىكەن. بىراق، بىر ياخشى يېرى شۇكى، ئەگەر تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەس، پەقەت يېرىمىلا يۈرەككە چېتىشلىق بولسا، بۇ خىل تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىن بىشارىتى بولىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ئەگەر يۈرەكنىڭ قۇتقۇزۇش سىگنالى چىقىرىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالىسا، ھەمدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، دوختۇرخانىغا بالدۇرراق بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىتىشنى قىلالىسا، ئوڭشىلىپ كېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.

  تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىن بىشارەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. يۈرەك سىقىلىش ۋە كۆكرەك ئاغرىش

  ئەگەر تۇيۇقسىز يۈرەك سىقىلىش، دېمى سىقىلىش ۋە مەيدىسى ئاغرىش دېگەدندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ھەم ئۇلارنى پەسەيتكىلى بولمىسا، ياكى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى گەرچە ئۇزۇن سۈرمىسىمۇ، لېكىن ئۇ خىل ئالامەتلەر پات-پات كۆرۈلسە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش كېرەك. ئەگەر، كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىپ كۆپ تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش، ھەتتا ئۇلارغا قوشۇلۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قېلىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ياكى ئۇلارغا قوشۇلۇپ يۇتقۇنچاق قىسىمى بىئارام بولۇش ۋە چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولسا، بۇ ئالامەتلەر تېخىمۇ شۇنداق، يەنى يۇقىرىقىلار يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئالدىن سىگنال بېرىۋاتقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا بىراز دەم ئېلىپ تۇرغاچ، دەرھاللا ۋاقتىدا 120گە تېلېفون قىلىپ، تېزدىن داۋالىنىش كېرەك.

  2. سەۋەبسىز تەر چىقىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئاشقازان قىسىمى بىئارام بولۇش

  ئەگەر يۈرەك كاردىن چىققان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىزمۇ ھەمىشە كۆكرەك قىسىمىنىڭ داۋاملىق بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋېرىشى ناتايىن. بەزىدە گەرچە كۆكرەك چىڭقىلىش ۋە كۆكرەك ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي، پەقەت تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، ھۆ بولۇپ قۇسۇش ۋە ئاشقازان قىسىمى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرلا پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ بەلكىم يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدىكى تىپىك بىر خىل سىگنال بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ۋاقتىدا داۋالىنىش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش لازىم، ھەمدە شۇ ئارقىلىق، ئۇنى ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقتىن بولغان، دەپ سەل قارىماي، ئۇ خىل ئېھتىماللىقىدىن چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ ياخشى داۋالىتىش كېرەك.

  3. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ياكى بىردەملىق ئەس-ھوشىنى يوقىتىش

  پات-پاتلا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ياكى ۋاقىتلىق ئېسىنى يوقىتىپ قويۇش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ بۇرۇن تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ۋە يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قاتارلىق ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، چۈنكى، بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى يۈرەكتە يۈرەك رىتىمىنىڭ يامان خاراكتېرلىك تەرتىپسىزلىنىش پەيدا بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

  4. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۈرەك سىقىلىش، ھاسىراش ياكى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى

  ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان كىشىلەردە، ناۋادا چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغان يۈرەك سىقىلىش، دېمى سىقىلىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولسا، بۇنىڭغا يەنە داۋاملىق تۈردە پەرۋا قىلماي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئالامەتلەر ئۇنىۋېرسال نەپەس يولى كېسىلىدىن ياكى ھەزىم قىلىش يولى يۇقۇملانغانلىقتىن پەيدا بولغان بولسا، ئۇ بەلكىم ئۇنىۋېرسال يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن؛ يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەگەر يېقىندىن بېرى ھەددىدىن زىيادە ھالدا چارچاپلا يۈرش، كۆپ مىقداردا تاماكا چېكىش دېگەندەك سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھوشيار بولۇش كېرەك، دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا بېرىپ، ئېلېكتىروكاردىئوگرامما بويىچە تەكشۈرۈش، يۈرەك مۇسكۇلىنى زەخىمىلەندۈرگۈچى ئامىللارنىڭ بارمۇ-يوقلۇقى جەھەتتىن تەكشۈرۈش، ياكى يۈرەك رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك.

  يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىغاندىن باشقا، يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەش كېرەككى، ئەزا خاراكتېرلىك ئۇنىۋېېرسال يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتە جەمەتتىن ئۇدۇم قالغان تارىخى بار ئادەملەر دىققەت: ئىگىلىنىشچە، بۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا بۇ خىل كىشىلەر توپىدىكىلەر دوختۇرخانىغا قەرەللىك ھالدا پات-پات بېرىپ، قايتا-قايتا تەكشۈرتۈپ، مۇۋاپىق داۋالىنىپ تۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق، يۈرەك قان تومۇرىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىككە شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش پەقەت ياشانغان كىشىلەردىلار پەيدا بولمايدۇ، ياشلارمۇ تۈنەش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى ئىمكانقەدەر تاشلاپ، زىيادە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر