باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

50 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان مەزگىللەردە ئاقسىلنى ئاز ئىستىمال قىلغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىكەن

2017.04.14 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورۇقلاشتا، بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر «تۆۋەن كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرى ۋە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەكلەر ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى»نى قوللانماقتا. ۋاھالەنكى, ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر قىسقا ۋاقىتتا ئورۇقلاشقا پايدىلىق بولغان بىلەن، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۇنى مىقداردىن ئارتۇق قوبۇل قىلغاندا، ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىكەن. ئەكسىچە بولغاندا, يەنى، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئاقسىل قوبۇل قىلىشنى ئازايتىپ، 65 ياشتىن كېيىن ئاندىن قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندا، بۇ، ساغلام ھالدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىكەن.

  ئاۋسترالىيە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ستىۋ سىمپسون ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر چاشقاننى ئوبيېكت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان 25 خىل يېمەك-ئىچمەكنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە, تۆۋەن ئاقسىللىق ۋە كۆپ مايلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆمۈرگە، قېرىش ۋە ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان بۇزغۇنچىلىق رولىنىڭ ئەڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى يۇقىرى كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرى ۋە تۆۋەن ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنىڭ بولسا، بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 7000 نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىغا قارىتا قانات يايدۇرۇلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە، 50 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىللەردە ئاقسىلنى مىقداردىن ئارتۇق قوبۇل قىلغاندا، راك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى ۋە ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان.

  نەچچە تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىشتىن بايقىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، بەدەندە ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ نىسبىتى %20نى ئىگىلىسە، ئەڭ ياخشى بولىدىكەن. ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، ئاقسىل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق ۋە كۆكتات قاتارلىق بىرىكمە كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر