باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جىگەر راكىنىڭ %80ى ئافلاتوكسىندىن پەيدا بولىدۇ

2017.04.05 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇتەخەسسىسلەر دانلىق زىرائەت ۋە پۇرچاقلارنى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قۇرغاق جايدا ساقلاش تەكلىپىنى بەردى

  ئافلاتوكسىن كۆپ ھاللاردا كۆممىقوناق، يەر ياڭىقى ۋە باشقا زىرائەتلەردە پەيدا بولىدۇ. ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژورنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: جىگەر راكى كېسەللىكىنىڭ %80ى ئافلاتوكسىننىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش تۈپەيلىدىن بولىدىكەن. ئۇ تەتقىقاتچىلار غول ھۈجەيرىلەرنى ئۇلارنىڭ DNA تەرتىپى بويىچە تىزىپ چقىش ئارقىلىق، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئافلاتوكسىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇشىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تونۇشى ئۈچۈن، ھەمدە ئۆسمە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە يىلىدىلا ئۇنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ۋە ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق ئىكەن.

  تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر ئەگەر ئافلاتوكسىننىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالسا، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ گېنىدا توساتتىن ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ، نەتىجىدە جىگەر راكى پەيدا بولىدىكەن. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن جايلاردا، يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش ئىنتايىن قاتتىق بولغاچقا، ئافلاتوكسىننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىمۇ تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن تۇغۇلغىلى تۆت كۈن بولغان چاشقاننى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، ھەمدە ئافلاتوكسىننى ئۇكۇل قىلىپ سالغان، نەتىجىدە بارلىق چاشقانلاردا جىگەر راكى پەيدا بولغان.

  ئۇ تەتقىقاتلارغا ئۇلاپلا، تەتقىقاتچىلار يەنە ئافلاتوكسىننىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان چاشقانلارنىڭ گېن تەرتىپىنى پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن 300 نەپەر جىگەر راكى بىمارىنىڭ گېن تەرتىپى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە، %80 بىمارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ئىچىدە ئافلاتوكسىن ساقلانغانلىقى بايقالغان.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغىنىش كۆپ ھاللاردا يېمەك-ئىچمەكلەرنى ساقلاش مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن، شۇڭا، تەكلىپ شۇكى، دانلىق زىرائەتلەرنى ۋە پۇرچاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سالقىن، قۇرغاق ۋە ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەردە ساقلاش كېرەككەن. يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان، ئۇلارنى يېمەي، دەرھال تاشلىۋېتىش كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر