باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇ، ناۋادا داۋاملىق تۈردە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىسا، گلاۋكومادىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك

2017.03.28 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈنكى كۈندىكى مول «ئېلىكترونلۇق تۇرمۇش» ئاسانلا كۆزگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇ، ناۋادا كۆز ئاغرىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، تۇمانسىمان كۆرۈش تۇيغۇسى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك. داۋاملىق تۈردە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان (شەقىقە) بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇ خىل ئاغرىش نېرۋا خاراكتېرلىك ئىچكى كېسەل سەۋەبىدىن بولمىسا، ئۇنداقتا كۆزنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

  خاربىن تىببىي ئۇنىۋېرسىتى تارمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا كۆز بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۈي يەنپىڭ يېقىندا 41 ياشلىق بىر ئەر بىمارنىڭ كېسىلىنى تەكشۈردى. ئۇ بىمار دەرت ئېيتىپ، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى بېشىنىڭ يېرىمى دائىم ئاغرىيدىغان (شەقىقە) بولۇپ قالغانلىقى، ئارىلاپ كۆڭلى ئېلىشىدىغانلىقى، كېيىن ئەھۋال ئېغىرلىغاندا دوختۇرغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەرگە «يېپىق بۇلۇڭلۇق گلاۋكومانىڭ جىددى قوزغىلىشى» دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. خۈي يەنپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل كېسەلنىڭ ئادەتتە ئىپادىسى باش قاتتىق ئاغرىش، كۆز ئاغرىش بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە كۆرۈش سەزگۈسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.»

  چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، گلاۋكوما كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ يىگىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىدىغان، ھەمدە ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل كۆز كېسىلى بولۇپ، ئۇ، پاتولوگىيىلىك (كېسەللىك قانۇنىيىتى خاراكتېرلىك) كۆز بېسىمى ئېشىپ كېتىش بىلەن خېلىلا باغلىنىشلىق. كېسەل يوشۇرۇنۇشچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە، بىمارنىڭ نەرسىلەرنى كۆرۈشى غۇۋالىشىش سېزىلگەن ۋاقىتتا. كېسەل باسقۇچى ئاللىقاچان ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىگە كىرىپ بولغان بولىدۇ، گەرچە ئۈزۈل-كېسىل ياخشى قىلىۋەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاتسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەپ كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ، قان بېسىمىنى ئۆلچەتكەنگە ئوخشاش، كۆز بېسىمىنى ئۆلچىتىپ تۇرۇش، ھەمدە ھاياتىنى ئاسرىغانغا ئوخشاش كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش كېرەك. 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر يىلدا بىر قېتىم كۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. كاتاراكتا (كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش) ۋە رەڭدار پەردە ياللۇغى قاتارلىق بىمارلارمۇ كۆزىنى ۋاقتىدا داۋالىتىشى، كېسەلنىڭ ئىككىلەمچى گلاۋكوماغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قاراڭغۇ مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر كۈندە 2-1 سائەت سىرتلارغا چىقىپ يورۇققا قاراش ياكى چىراقنى مۇۋاپىق ياندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ۋە شۇنداقلا ئۇزۇن ۋاقىت قاراڭغۇ مۇھىتتا كۆزنى چاقنىتىدىغان ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر