باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇخلىغاندا ئىككى ياستۇق ئىشلىتىڭ

جۇڭگو تىبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋاڭ جىڭ دوختۇرخانىسى ئومۇرتقا بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى يۈ جيې

2017.03.17 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىدا ئومۇميۈزلۈك مەسىلە بار. ئەگەر ئۇخلىغاندا ياستۇقتىن ياخشى پايدىلانسا، بىر كۈن چارچىغان بەل ئومۇرتقىسى راھەتلىنىپ قالىدۇ.

  ياستۇقنى قۇچاقلاپ يانچە يېتىش: يەنى، ئىككى بىلىكى بىلەن ياستۇقنىڭ بىر تەرىپىدىن قۇچاقلاپ يېتىش، ياستۇقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى پۇتنىڭ ئاستىغا قويۇپ يېتىش ياكى ئىككى پۇت ئارىسىغا قىستۇرۇپ يېتىش. دېگەندەك. بۇ خىل ئۇخلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، مۈرە بوغۇمىنى تولۇق سوزغىلى ۋە يۇقىرى مۈچە بوغۇمىنىڭ «ئەتىگەنلىكى قېتىپ قېلىش» ئەھۋالىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

  ياستۇقنى ئاستىغا قويۇپ ئوڭدىسىغا يېتىش: يەنى، ئىككى پۇتنى تۈزلەپ، پۇتىنىڭ ئىگىلىدىغان جايىغا ياستۇقنى قىستۇرۇپ يېتىش. بۇ خىل ئۇخلاش ئۇسۇلى پۇت مۇسكۇلى ۋە بوغۇملارنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. ئوڭدىسىغا ياتقاندا، ياستۇقنى چوقۇم بويۇنغا قىستۇرۇش كېرەك، بولمىسا بۇ خىل ئۇخلاش ئۇسۇلى ئومۇرتقا قوزغىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  نۇرغۇن كىشىلەر دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياقتۇرىدۇ، لېكىن بۇ خىل قىياپەت ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ «تەبىئىي ئەگرى سىزىقى»نى ساقلاپ تۇرالمايدۇ. بوغۇم ۋە مۇسكۇللارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە ئۇيۇشۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ, ئۇنىڭدېىن سىرت يەنە نەپەس ۋە قان ئايلىنىش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر