باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ــ ئابدۇللا ئابباس

2017.03.16 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى:

  ۋەكىل ئابدۇللا ئابباس شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مائارىپ سېستىمىسىدىن چىققان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ، 15 يىل ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا، 160 پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپ سۇنغان، بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ ۋە مۇھىتقا ئالاقىدار مەزمۇن كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ،ئىلگىرى ۋەكىل ئابدۇللا ئابباس ۋە باشقا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىرلىشىپ ئىمزالاپ سۇنغان جەنۇبى شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، جەنۇبى شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ھەقسىز قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەر دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە تەستىقلىشى ئاستىدا تېز ئەمەلىيلىشىپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن كۆپ قولايلىقلارنى ياراتقان.

  قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  ئابدۇللا ئابباس ــ ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋاباتى، تاتار مىللىتىدىن، يۇرتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى، 1951- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ بىئولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروففېسسورى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، شىنجاڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى. ئابدۇللا ئابباس 10-، 11-، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە «1-ماي» ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچى، مەملىكەت بويىچە مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئاپتونۇم رايون بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى بويىچە مۇنەۋۋەر پەن باشلامچىسى، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ئىلغار شەخس قاتارلىق كۆپ شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

  تۆۋەندە، بىز 13-مارت «جىڭشى» مېھمانخانىسىدا سۈرەتكە ئالغان قىسقا زىيارەت فىلىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر