باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر ھەپتىدە بىر كۈن تاماقتىن پەرھىز تۇتقاندا، تومۇرلار تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

2017.03.07 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش __ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئاز مىقداردا سۇ ئىچىش ۋە كۆكتات شىرنىسى، مىۋە شەربىتىدىن سىرت، باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكنى، پەقەتلا بەدەندە ساقلانغان ئېنېرگىيە ئارقىلىق نورمال ھاياتلىق پائالىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ياشانغانلار كېسىلى ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، قانۇنىيەتلىك ھالدا ھەر ھەپتىدە بىر كۈن تاماقتىن پەرھىز تۇتقاندا، يۈرەك قان تومۇرلاردىكى خەۋپ-خەتەرنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتتا 20 ياشتىن 70 ياشقىچە 100 نەپەر قاتناشقۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار نورمال سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسى (نورمال تاماق يەيدۇ) ۋە تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش گۇرۇپپىسى (دەۋرىيلىك ئۈچ ئاي تاماقتىن پەرھىز تۇتىدۇ)غا بۆلۈنگەن. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ تامىقىنى تەتقىقاتچىلار لايىھىلەپ تەمىنلەيدىغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ھەر ئايدا بەش كۈن (ھەر ھەپتىدە بىر كۈن) تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ، پەقەت 750تىن 1000 كالورىيەگىچە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغان.

  نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ يۈرەك قان تومۇر خەتىرى ئامىللىرى بىر ئاز يەڭگىللىگەن، قان بېسىمى، ياللۇغلىنىش ئالامىتى ۋە ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرىدە ياخشىلىنىش بولغان، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى ئالتە قاداق چۈشكەن، بەل ئايلانمىسى بىردىن ئىككى ئىنگلىز سۇڭىغىچە كىچىكلىگەن، راك كېسىلى، دېئابىت، يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەنلىگەن.

  تەتقىقاتچى روڭگى بۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشقا قارىتا كىلىنىكىدا تەجرىبە ئىشلىشى بولۇپ، ئەۋرىشكە سانىنىڭ يېتەرلىكلىكى ھەر ھەپتىدە بىر كۈن تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشنىڭ بەدەنگە روشەن ساغلاملىق ئۈنۈمى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇنداق ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقى، ئۈنۈملۈك ھەم بىخەتەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر