باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دائىم زەنجىۋىل يېيىشنىڭ يەتتە چوڭ پايدىسى

2017.02.22 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەنجىۋىل كۆپ ئۇچرايدىغان تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ساقلىقنى ساقلاشتا كۆپ تۈرلۈك رولى بار. ئامېرىكا «فوكس ئاخبارات تورى» يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، «دائىم زەنجىۋىل يېيىشنىڭ يەتتە چوڭ پايدىسى»نى خۇلاسىلەپ چىقتى.

  ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەنگىلىيە كادىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، زەنجىۋىلدىكى ھەسسىلىك يېرىم تېرپىن تۈرىدىكى ماددىلار بۇرۇن ۋىرۇسى (ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان زۇكام سەۋەبى)گە تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، قان تولۇش قاتارلىق باشقا زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ.

  بوغۇم ئاغرىقىنى يېنىكلىتىدۇ. ئامېرىكا رويخەتكە ئالدۇرغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى، دوكتور دەنىل كاپاللىنو تەتقىقاتلاردا، زەنجىۋىلنىڭ بوغۇملار ئاغرىش ۋە ياللۇغلىنىشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ «بوغۇم ياللۇغى ۋە رىماتىزىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، زەنجىۋىلدىن ئايرىۋېلىنغان ماددا تىزدىكى بوغۇم ياللۇغىنى يېنىكلىتەلەيدىكەن، چۈنكى ئايرىۋېلىنغان ماددا ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

  مۇسكۇللار ئاغرىشنى پەسەيتەلەيدۇ. ئامېرىكا «ئاغرىق» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىي ئاغرىق توختىتىپ ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ھەرىكەتتىن كېيىن مۇسكۇللارنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن.

  ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دوكتور كاپالىننو زەنجىۋىل تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان كۆپۈش ۋە قورساق قىسمى بىئارام بولۇشنى پەسەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ. ئامېرىكا «سەپلەش ۋە تولۇقلاش مېدىتسىناسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىش جەھەتتە، زەنجىۋىل بىلەن برۇفېن ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن.

  باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى داۋالايدۇ. بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، زەنجىۋىل پاراشوكىنىڭ باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى باش ئاغرىشنى داۋالايدىغان ئادەتتىكى دورىلارغا ئوخشايدىكەن. چۈنكى، زەنجىۋىل پروستاگلاندىننىڭ بىرىكىشنى چەكلەپ، قان تومۇر ئىششىشنى ۋە بېسىمىنى پەسەيتىدىكەن.

  ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ. تەتقىقاتتا، زەنجىۋىل چوڭ مېڭە كراخمالسىمان ئاقسىلىنىڭ چۆكمىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى قوغدايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر