باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دائىم تۈنىگەندە ئەرلەرنىڭ شېكەر مىقتارى ئېشىپ، ئاياللار سەمىرىپ كېتىدۇ

2017.02.21 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنەشنىڭ بەدەنگە زىيانلىقلىقى ھەممىمىزگە ئايان، كورىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تۈنەش دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  كورىيەنىڭ گورىيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنشەن دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار 47 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان تەخمىنەن 1600 نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق كورىيەلىك ئەرلەرنىڭ ئۇخلاش ئادىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 95 كىشىنىڭ تۈنەش ئادىتى بار ئىكەن، 480 ئادەم بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرىدىكەن، قالغانلار بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىكەن. سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈنەيدىغان كىشىلەر توپىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ماي نىسبىتى ۋە قاندىكى ماي نىسبىتى بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرىدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، ھەمدە مۇسكۇل ئازىيىش كېسىلىنىڭ ئالامىتى پەيدا بولغان. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ، تۈنەيدىغان ئەرلەرنىڭ بالدۇر تۇرىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، تۈنەيدىغان ئاياللارنىڭ سەھەر تۇرىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا قورساق قىسمىدىكى ياغنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  ماقالە ئاپتورى، گورىيو ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جىن نەنشى مۇنداق دېدى: باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، تۈنەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭ دىئابېت كېسىلى ۋە مۇسكۇل چېكىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن، بۇ ئادەتتە دائىم ئولتۇرۇش، تاماكا چېكىش, كېچىدە تاماق يېيىش ھەمدە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

  ئۇزاق ئولتۇرۇپ 10 سائەتكىچە ھەرىكەت قىلمىغاندا، ئاياللارنىڭ بەدىنى سەككىز ياش قېرىيدىكەن.

  كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس تارمىقىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 10 سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرىدىغان ھەمدە ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرمايدىغان ئاياللار فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە ئوخشاش ياشتىكىلەردىن سەككىز ياشتىن ئارتۇق قېرىيدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 64 ياشتىن 95 ياشقىچە بولغان 1481 نەپەر ئايالنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرەپ ساغرىسىغا تېزلىك ئۆلچىگۈچ تاقاپ، ئۇدا يەتتە كۈن ئىز قوغلاپ ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. كېيىن سىناققا قاتناشقانلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلار يىپسىمان تەنچە ئىچىدىكى DNAنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىپ زەخىملىنىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە, ھەر كۈنى ئولتۇرۇش ۋاقتى 10 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغان، ھەرىكەت ۋاقتى 40 مىنۇتتىن تۆۋەن بولىدىغان قاتناشقۇچىلارنىڭ تېلومېرى بىر قەدەر قىسقا، ھۈجەيرىلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك يېشى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن سەككىز ياش قېرىپ كەتكەن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرىدىغان، لېكىن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 40 مىنۇتتىن ئارتۇق چېنىقىدىغانلارنىڭ تېلومېرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەك قىسقا بولمايدىكەن. ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكلىرى، بەل-دۈمبە ئاغرىش ۋە سېمىزلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يەنە بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، ھەر خىل سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن تەتقىقاتچىلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۈجەيرە زەخىملىنىشنى ھەر كۈنى تېز مېڭىش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر