باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئويغانغاندىن كېيىن كارىۋەتتا يېتىش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى شۈ ۋېيفۇ

2017.02.20 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئويغانغاندىن كېيىن، كارىۋاتتا يېتىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، يان تېلېفون ئويناش، سىن كۆرۈش قارىماققا بىر ياخشى ئىش، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، سالامەتلىككە زىيانلىق.

  بىرىنچى, چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇيقۇ جەريانىدا، چوڭ مېڭە پوستلىقى تىزگىنلەش ھالىتىدە بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئورۇندىن تۇرماي يېتىۋەرگەندە، تىزگىنلەش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولىدۇ، بۇ ھەم ئويغىنىپمۇ ئۇزاققىچە ئورنىدىن تۇرمايدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بېشى قېيىش، روھسىز بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

  ئىككىنچى , ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئويغىنىپمۇ ئۇزاقراق يېتىش ئۈچۈن ناشتا قىلماسلىققا رازى. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى كۈنىدىكى كەچلىك تاماق ئەتىسى سەھەر سائەت يەتتەلەردە ئاساسەن ھەزىم بولۇپ تۈگەيدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيلەر بۇ ۋاقىتتا نورمال قانۇنىيىتى بويىچە يېڭى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ھەزىم قىلىدۇ، دائىم ئورنىدىن تۇرماي تاماق يېمىگەندە، ئاشقازان–ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ.

  ئۈچىنچى, سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا ئاسانلا ياللۇغلىنىش پەيدا بولىدۇ. دوۋساقتا شىللىق پەردە توسۇقى بارلار، ئورۇندىن تۇرماي كىچىك تەرەتنى قىسىپ يېتىۋەرگەندە، بۇ شىللىق پەردىلەرگە مۇئەييەن بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنىڭدا ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن, ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ناچارلار، ھەمدە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا كېسەللىكلىرى بار كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئويغانغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشى كېرەك.

  ئويغىنىپمۇ ئورنىدىن تۇرماسلىقنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسا بولمايدۇ، بىراق ئويغانغاندىن كېيىنلا دەرھال چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار مۇۋاپىق ھالەتتە كارىۋاتتا 15 مىنۇت يېتىشقا بولىدۇ، بۇ، بەدەننىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق، كارىۋاتتا يەنە ئون قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، بەلنى سوزۇپ، پۇت-قوللارنىڭ بوغۇملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بولىدۇ.

  ئاخىرىدا, كۆپچىلىككە ئورۇندىن تۇرماسلىقنى يېڭىدىغان بىر قانچە ئەپچىل چارىنى تەۋسىيە قىلايلى: مەسىلەن، ئويغانغاندىن كېيىن دېرىزە پەردىسىنى ئېچىپ، ئۆي ئىچىدىكى چىراغلارنى يېقىپ، كۆز چانىقى ۋە قۇلاقنى بېسىپ بېرىش، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ياكى ئىلمان سۇ ئىچىۋېتىش قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر