باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بەش خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدۇ

ھەر كۈنى بىر ئىستاكان چاي قان تومۇرنى ياخشىلايدۇ

2017.02.20 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ, ھەر خىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ناھايىتى مۇھىم.

  بىرىنچى، ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈنىدىن نەچچە قەدەم كۆپرەك مېڭىپ بېرىڭ. يول مېڭىش ئارقىلىق دىئابېت كېسىلىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرغىلى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەنگلىيە لوفبوروف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى تېز مېڭىش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، زۇكام بولۇش نىسبىتىنى %30 تۆۋەنلىتىلىدىكەن. لېكىن ھەر كۈنى قانچە قەدەم ماڭسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىلا ئېنىق ھۆكۈم يوق، ئامېرىكا تۇلەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈنىگە قارىغاندا بىر نەچچە قەدەم ئارتۇق ماڭسىلا، چېنىقىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى، بەدەننىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن.

  ئىككىنچى، دائىم يالغۇز تۇرغاندا پىسخولوگىيە تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 814 تۈرلۈك ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، دائىم يالغۇز تۇرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىدىغانلىقى، يەنە ئاتا-ئانىسى، قوشنىلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى، ئۇلار پىسخىكىلىق ھالىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  ئۈچىنچى، ھەپتىدە بىر قېتىم ھاراق ئىچكەندە تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 87 تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىچە بىر ھەپتىدە بىر قېتىم ھاراق ئىچىشنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى زىيانلىق خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىپ، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئۆتكە تاش چۈشۈشكە قارشى تۇرۇپ ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بەزىدە بىرەر قېتىم ھاراق ئىچكەندە ئادەمنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تۆتىنچى، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان چاي ئىچكەندە قان تومۇر ياخشى بولىدۇ. جون خوپكىنس دوختۇرخانىسىنىڭ بايقىشىچە، كۈندە بىر ئىستاكان چاي ئىچكەن ئادەمدە يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى باشقا چوڭ قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى چاي ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا %35 تۆۋەن بولىدىكەن.

  بەشىنچى، ئەرلەر قارا شاكىلاتنى كۆپ يېسە سەكتە بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. پىدائىيلار شاكىلات يېيىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئەنگىلىيە ئابېردىن ئۇنىۋېرستىتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئۇلارنىڭ تېنىدىكى قان تەركىبىنى ئۆلچىگەن. ئانالىز نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەركىبىدە كاكائو مول بولغان قارا شاكىلات يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن، بولۇپمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر