باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تاماقتىن كېيىن بىر قوشۇق زەيتۇن يېغى ئىچىۋەتسە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالامدۇ؟! راستلا مۇشۇنداق قالتىسمۇ؟

2017.02.13 18:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زەيتۇن يېغىنىڭ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە شىپالىق رولى بارلىقى ئاستا –ئاستا كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنىپ، زەيتۇن يېغى بارغانچە ئالقىشقا ئېرىشتى، ھەتتا بەزى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر زەيتۇن يېغىنى «ساقلىقنى ساقلاش يېغى» دەپ ھېسابلاپ، ھەر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن بىر –ئىككى قوشۇق ئىچىۋالىدىغان بولدى. زەيتۇن يېغىنىڭ راستلا مۇشۇنداق قالتىس رولى بارمۇ؟

  بىرىنچى، زەيتۇن يېغى قانداق ياغ؟

  زەيتۇن يېغىنىڭ ئىسمى ناھايىتىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ، بىراق ئۇنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۆستۈرۈلىدىغان زەيتۇن دەرىخى بىلەن ئالاقىسى يوق. يېشىل زەيتۇن مېۋىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقى زەيتۇن يېغىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەمەس. زەيتۇن يېغى ئولېيە ئائىلىسى، ياغلىق زەيتۇن دەرىخى تىپىدىكى ياغلىق زەيتۇن مېۋىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىدىغان ياغ بولۇپ، بۇ خىل ئۆسۈملۈك پەقەت ئوتتۇرا دېڭىز رايونى ۋە باشقا ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى كىلىماتىغا ئىگە رايونلاردا ئۆسىدۇ.

  زەيتۇن يېغىنىڭ ئاساسىي تەركىبى ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ خىل يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى زەيتۇن يېغىنىڭ %70نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، ئاساسىي تەركىبى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ھېسابلىنىدىغان ھايۋانات يېغى، قايماق قاتارلىق ياغلارغا قارىغاندا، ھەقىقەتەن تېخىمۇ ساغلام يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، سوغۇق پىروكاتلانغان (تارتىلغان) زەيتۇن يېغى تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە فېنول تۈرىدىكى ماددىلار كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئوكسېدلىنىشقا قارشى رولغا ئىگە قىلغان. ئالىي دەرىجىلىك بىرىنجى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغىدا يەنە باشقا ئالاھىدە تەملىك ماددىلارمۇ بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى كىشىلەر قاقلانغان بولكىنى زەيتۇن يېغىغا چىلاپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، كۆپ فېنول تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرى ئۈچەي يولىدىكى زەمبۇرۇغلار توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ياخشىلاش رولىنى ئوينايدىكەن.

  بىراق بىلىش كېرەككى، ھەرقانچە ياخشى زەيتۇن يېغىمۇ يەنىلا ياغ بولۇپ، ئۇنى باشقا تاماق ئېتىدىغان ياغلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپلا قالماي، تاماقتىن كېيىنمۇ يەنە بىر-ئىككى قوشۇق ئىستېمال قىلسا، ئوخشاشلا ئېنېرگىيەنىڭ سۈمۈرۈلىشى كۆپ بولۇپ كېتىپ، سېمىزلىك ۋە باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئىككىنچى، ساختا زەيتۇن ياغلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىش لازىم

  ياغلىق زەيتۇن دەرىخىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى ۋە كىلىماتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇ يەردىن چىقىدىغان زەيتۇن يېغىنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيادىكى زەيتۇن يېغى ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي دەرىجىلىك بىرىنجى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغى تېخىمۇ قىممەت بولۇپ، بازاردىكى ساختا زەيتۇن يېغىنىڭ كۆپىيىشىگە مەلۇم ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.

  بازاردىكى ساختا زەيتۇن يېغى مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچىسى، دەرىجىسى تۆۋەنرەكىنى ياخشىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، باھاسى تۆۋەنرەك بولغان ئايرىلما زەيتۇن يېغى، ئارىلاشما زەيتۇن يېغىنى بىرىنچى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغى، ھەتتا ئالىي دەرىجىلىك بىرىنچى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغىنىڭ ئورنىدا سېتىش؛ ئىككىنچىسى، باشقا ئۆسۈملۈك ياغلىرىنىڭ ئىچىگە ئاز مىقداردا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، تەڭشەلگەن زەيتۇن يېغى قىلىپ، زەيتۇننىڭ نامى بىلەن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ سېتىش؛ ئۈچىنچىسى، بەزى بىر قانۇنسىز يېمەكلىك زاۋۇتلىرى سېرىق پۇرچاق يېغىغا سۈنئى خىلوروفىلغا ئوخشاش خىمىيەلىك ماددىلارنى قوشۇپ، سارغۇچ يېشىل رەڭدىكى زەيتۇن يېغىنىڭ رەڭگىگە ئوخشىتىپ ياساپ سېتىش. شۇڭا، زەيتۇن يېغىنى توغرا سېتىۋىلىش ۋە توغرا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  بىزنىڭ زەيتۇن يېغىنىڭ سۈپىتىنى باھالاشتىكى ئۇسۇلىمىز كۆپ بولۇپ، ئادەتتە ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن، مەھسۇلاتنىڭ چىققان جايى ۋە باھاسى بىر قەدەر ئوڭاي بىلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسى ئىسپانىيە، گىرىتسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ئوتتۇرا دېڭىز دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم تارتىلغان ياكى ئالىي دەرىجىلىك بىرىنجى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ.

  ئەرزاننى كۆزلەپ سۈپەتسىز زەيتۇن يېغى سېتىۋالغاندىن، ئادەتتىكى يېمەكلىك يېغى سېتىۋالغان ئەۋزەل. ئەگەردە ئالىي دەرىجىلىك بىرىنجى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغى سېتىۋالغان بولسىڭىز، سوغۇق سەي ياساپ يېيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇندىلا ساپ ۋە ئالىي دەرىجىلىك زەيتۇن يېغى تەركىبىدىكى پايدىلىق ئېلمېنتلار ۋە يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا كۆيۈپ خوراپ كەتمەيدۇ.

  ناۋادا، سېتىۋالغىنىڭىز ئالىي دەرىجىلىك بىرىنجى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغى بولمىسا، ئۇنداقتا سەي قورۇش، تاماققا ئىشلىتىش قاتارلىق يۇقىرى تېمپراتۇرىدا قىزدۇرىدىغان ئۇسۇلدا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  تۇرمۇشنى تەڭشەش كېرەك، يەيدىغان نەرسىلەرمۇ شۇنداق. تېگى–تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئائىلىدە تاماق ئېتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ياغدا يېڭى ساقلاش، كۆپ خىلنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر خىل ياغقا قارىغۇلارچە ئەگىشىش، ئۇنىڭ مەلۇم ساقلىقنى ساقلاش رولىغىلا قاراپ داۋاملىق شۇنى يېيىش ئەمەس، ئەقەللىي مۇئامىلە قىلىپ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ھەممىدىن مۇھىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر