باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسە باش ئاغرىمايدىكەن

2017.01.22 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقى فىنلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرگەندە، باش ئاغرىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 42 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان 2600 نەپەر ئەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئۇلارنىڭ ئاپتاپقا قاقلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارنى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئاپتاپقا قاقلىنىش بىلەن باش ئاغرىش چاستوتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باھالىدى. نەتىجىدە, ئاپتاپقا قاقلانمايدىغانلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىدىغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ۋىتامىن D نىڭ سەۋىيەسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، باش ئاغرىش نىسبىتى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن D سەۋىيەسىنىڭمۇ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە, بۇ دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىپ ۋىتامىن D تولۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: يازدا كىشىلەر قۇياش تارقاتقان بىنەپشە نۇرنىڭ رادىئاتسىيەسى ئارقىلىق ۋىتامىن Dغا ئېرىشسە بولىدىكەن، لېكىن، باشقا پەسىللەردە، كىشىلەر يېمەكلىكلەر ياكى ۋىتامىن D تولۇقلاش دورىسى ئارقىلىق ۋىتامىن Dغا بولغان كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرسا بولىدىكەن. يۇقىرى مىقداردىكى ۋىتامىنD نىڭ ئەكس تەسىرى ھازىرچە تېخى بايقالمىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، تەتقىقاتچىلار ئەمدى بەش يىلدەك كىلىنىكىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، كۈنىگە ۋىتامىن Dقۇبۇل قىلىشنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھەر خىل ئاغرىققا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر