باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ئۈستىدىكى يېڭى سىياسەتلەر 1- ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

2017.01.05 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بەشىنچى دەرىجىلىك يېنىك ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش چېكى ۋە ئۆلچىمى يولغا قويۇلدى، 93-، 97- نومۇرلۇق بېنزىن بازاردىن رەسمىي چېكىنىپ چىقتى

  2017- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ، دۆلەت بەشىنچى دەرىجىلىك يېنىك ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش چېكى ۋە ئۆلچىمى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ئۆزىمىزدە ياسالغان ياكى سىرتتىن ئىمپورت قىلىنغان، سېتىۋېلىنغان ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان يېنىك تىپتىكى بارلىق بېنزىن ئاپتوموبىللىرى ۋە ئېغىر تىپتىكى دىزېل ئاپتوموبىللىرى (يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە ئاممىۋى قاتناشلار، مۇھىت تازىلىقى ۋە پوچتا ئۈچۈن ئىشلىتىلىندىغان ئاپتوموبىل) دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت بەشىنچى دەرىجىلىك يېنىك ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش چېكى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك .

  يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان 90- نومۇرلۇق، 93- نومۇرلۇق ۋە 97- نومۇرلۇق بېنزىن نومۇرلىرى بازاردىن رەسمىي چېكىنىپ چىقتى، 89، 92، 95، 98- نومۇرلۇق بېنزىن بازارغا سېلىندى.

  بېيجىڭدا 1- يانۋاردىن باشلاپ 6- باسقۇچلۇق ئاپتوموبىل يېقىلغۇسىنىڭ ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ

  2016- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بېيجىڭ شەھىرى 6- باسقۇچلۇق « ئاپتوموبىل بېنزىنى» ۋە «ئاپتوموبىل دىزېلى»نىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يېڭى ئۆلچەم 2017- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسى داۋاملىق ئازلايدۇ

  2016- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى، تۆت مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى تەڭشەشنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا، باتارېيە ياردەم پۇلى بېرىش مەركەز قىلىنىدۇ، باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسى ئارقىلىق ھېسابلاش ئاساس قىلىنىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئۆلچىمى، ئاپتوموبىلنى داۋاملىق ھەيدەش مۇساپىسى، باتارېيە / پۈتۈن ئاپتوموبىل ئېغىرلىق نىسبىتى، باتارېيە ئىقتىدارى ئۆلچىمى قاتارلىقلارنىڭ تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى بېكىتىلىدۇ، ھەمدە باتارېيە سىغىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېنېرگىيە زىچلىقى، زەرەتلەش نىسبىتى ۋە ئاپتوموبىل ماي تېجەش نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

  1- يانۋاردىن باشلاپ يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، قۇرۇقلۇقتىكى شامال ئېلېكتىر شىكاللىق تورلاشقان توكلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتتى

  ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بايلىق رايونىنى ئايرىپ تۇرۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، قۇرۇقلۇقتىكى شامال ئېلېكتىر شىكاللىق تورلاشقان توكلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتتى، ئەمما، تەقسىملەنمە فوتوۋولت توك چىقىرىش تولۇقلىما ئۆلچىمى ۋە دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن چىقىرىلغان ئىشكالىلىق ئېلېكتىرلارنىڭ باھاسى تەڭشەلمەيدۇ .

  دۆلىتىمىزنىڭ پولات-تۆمۈر كەسپىدە تېخىمۇ قاتتىق بولغان توك باھاسى پەرقلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى

  2017- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ، پولات-تۆمۈر كەسپىدە تېخىمۇ قاتتىق بولغان توك باھاسى پەرقلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە ئىش تەرتىپىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئاساس قىلغان پەلەمپەيسىمان توك باھا سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر