باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭلىقلارنىڭ بايرىقى (يېڭى ئىجادىيەتكە باھا)

− ئازات سۇلتاننىڭ ئەدەبىي ھېسسىياتى

2017.01.04 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ يەنبياۋ

  «مىللىي ئەدەبىياتنى يېزىش ۋە بەرپا قىلىش» ناملىق كىتاب، ئازات سۇلتان يېقىندا نەشر قىلدۇرغان بىر ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمى بولۇپ، مەن باشتىن-ئاخىر ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، كىتابنى يېپىپ قاتتىق ئويغا چۆمدۈم، بۇ ھەرگىزمۇ شىنجاڭ ئەدەبىياتىغا بولغان رەتلەش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشتىكى بىر قامۇس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئازات سۇلتان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوبزورچىلىق ساھەسىدىكى مۇھىم يازغۇچىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بۇ ئوبزورلار توپلىمى شىنجاڭ ئەدەبىياتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ شاھىدى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ۋە شائىرلارنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ۋە ھاياجانلىق باھالىدى.

  «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، تەلىيىمگە ئازات سۇلتان بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا بولغان ياردىمى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى ياش تەھرىرلەرنى ھازىرغىچە قاتتىق تەسىرلەندۈرمەكتە. «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ھەر يىلى شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە نۇسخىسىدىكى يازغۇچى ۋە تەرجىمانلار سۆھبەت يىغىنى ھەمدە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدۇ، ئازات سۇلتان بىر نەچچە قېتىم ئالايىتەن باشقا يەردىن شىنجاڭغا قايتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەر قەلبىگە ئىلھام بېغىشلايدىغان لېكسىيەلىرى، چوڭقۇر مەنىلىك سەمىمىي تەلىم-تەربىيەلىرى ھەر قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسىدىكى كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ ئىللىتىدىغان يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

  «مىللىي ئەدەبىياتنى يېزىش ۋە بەرپا قىلىش»نى كۆرگەندىن كېيىن، مەندە زۇنۇن قادىرى، تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر, غەيرەت ئاسىم, ياسىنجان سادىق, دىلمۇرات ۋە پاتىگۈل قاتارلىق شىنجاڭلىق داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئادىمىيلىكىگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇش ۋە يازمىلارغا قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل بولدى. بۇ ئوبزورلار توپلىمى ئارقىلىق، مەن بىر يازغۇچى ۋە بىر ئوبزورچىنىڭ خىزمەت داۋامىدا ھاردىم-تالدىم دېمەي يېزىقچىلىق قىلىشى، ئۇزۇن يىل پايپېتەك بولۇش جەريانىدا ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشى، نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىزدىنىشى ۋە كۆزىتىشىنى كۆرۇۋالدىم, ئۇنىڭ سىياسىيونلاردىكى سەزگۈرلۈكى بىلەن روشەن مەيدانى، ئۇنىڭ تولۇپ-تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئۇنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئومۇمىيەت ئېڭى، بۇ ئۇيغۇر مىللىي ئوبزورچىسىنىڭ ھېسسىياتى، ئېدىيەسى, ھەرىكىتى ۋە باشلامچىلىق رولىنى نامايان قىلدى.

  ئۇيغۇر مىللىتى ۋە باشقا مىللەتلەر شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مۇنبەت زېمىندا بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن، گەرچە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ, لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى، مەدەنىيەت خاسلىقى، ئۆز مىللىتىگە تەۋە خاس ھەم پارلاق مەدەنىيەتنى ياراتتى. يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدا سەيپىدىن ئەزىزى ۋەكىللىكىدىكى يازغۇچىلار ئۆچمەس شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقتى، بىراق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» جەريانىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى قايتا باش كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ ئازات سۇلتان قاتارلىق بۇ بىر تۈركۈم يازغۇچى ۋە ئوبزورچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە چىڭ تۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  بۇ ئوبزورلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىشى بۇ ئوبزورچىنىڭ سالاپىتى ۋە ساپاسىنى نامايان قىلدى. ئوبيېكتىپ، مىكروسكوپىك, ھەم كىلاسسىكتىن ھازىرقى زامانغىچە، پېشقەدەم يازغۇچىلاردىن يېڭى يېتىشكەن يازغۇچىلارغىچە، ئازات سۇلتان ھەممىسىگە ياخشى بولغان بايان ۋە باھالارنى بەردى. جۇڭگونىڭ باھالىغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى ۋە شائىرلىرىغا بولغان باھا، تونۇشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، ھالبۇكى، ئازات سۇلتان ئۆزىنىڭ قىزغىن ھېسسىيات ۋە سەمىمىي قەلىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پىشقەدەم-ئوتتۇرا ياش يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىيات چۈشەنچىسىگە قارىتا ئۆزگىچە مەدھىيەلىدى ۋە تەنقىد قىلدى. «ئەدەبىيات ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۆزئارا چۈشىنىشكەندە، ئاندىن ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشلار نورماللىشىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشمەسلىك تۈگەپ، قېرىنداشلاردەك يىقىن ئۆتكىلى بولىدۇ». بۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى چىن مەنىسىدۇر.

  ياشلارنى يېتەكلەش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئىلھام بېرىش ئازات سۇلتاننىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بېرىلىشىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ پاتىگۈلنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە باھا بەرگەندە مۇنداق دېدى: « پاتىگۈل ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئانا تىلى ئۇنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق پسىخولوگىيەسى ۋە روھىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. خەنزۇ تىلى ئۇنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى يېزىق ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى نەچچە ئون مىڭ ھەسسە كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كەڭ تۈردە تارقىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. ھازىر بۇ ئىككى خىل تىل ئۇنىڭ ئىككى قانىتىنى بولۇپ، ئۇنىڭ پەرۋازىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقتا».

  ئازات سۇلتانمۇ ھەم ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىل ۋە مەدەنىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدىغان يازغۇچى ۋە ئوبزورچى, ئۇ، بۇ ئىككى قانىتى ئارقىلىق، پەرۋازىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىدە تۇرىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭ مەدەنىيىتى ئىچىدە تۇرىدۇ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ، چۈنكى، ئۇ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن مەنپەئەتلەنگۈچى، تەشۋىق قىلغۇچى, شۇنداقلا ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسىدۇر.

  مەدەنىيەت — مىللەتنىڭ ئۇلى، مەدەنىيەت — مىللەتنىڭ قان تومۇرى. ئازات سۇلتاننىڭ ئادىمىيلىكى، ئەدەبىياتچىللىقى ۋە ئۇستازلىقىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشىنى بۇ ئىككى جۈملە سۆز ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: دېڭىزنىڭ گەرچە ئوكيان بولالايدىغان قۇدرىتى بار بولسىمۇ، بىراق، ئۇ، كەمتەرلىكى بىلەن، ھەممىنى سىغدۇرىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ؛ ئاسمان گەرچە پايانسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن، ئاي ۋە كۈننى سىغدۇرۇپ، دۇنيانى يورۇتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر