باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىنىڭ ئادەتلەنگەن بەش خىل ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى

2016.12.21 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرىنچىسى، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ باي بولۇشقا ئالدىراشتەك روھىي ھالىتىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى پايدا بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنى بەلگىلىك خىراجەت تاپشۇرۇشقا ياكى مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا ئازدۇرىدۇ-دە، بۇنى تەشكىلاتقا كىرىشنىڭ شەرتى قىلىۋالىدۇ.

  ئىككىنچىسى، «بىۋاستە سېتىش»، «زەنجىرسىمان تىجارەت» ۋە «ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت» دېگەندەك ناملار بىلەن، تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن ياكى مەۋجۇت بولمىغان كارخانىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنى قاتنىشىشقا ئازدۇرىدۇ.

  ئۈچىنچىسى، مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتلىرىغا ئەتراپىدىكى دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى نىشانلايدۇ، خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش دېگەندەك ناملار بىلەن، باشقىلارنى ئالداپ، تۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، قانۇنسىز توپلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئازدۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىش دېگەندەك ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارنى شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلايدۇ.

  تۆتىنچىسى، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى يىغىن ئېچىش ۋە تەربىيلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭىدىن ئەزا بولغانلارغا قارىتا زورلۇق بىلەن ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپ ھالدىكى باي بولۇش ئىدىيەسىنى سىڭدۈرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر «كاللىسى يۇيۇلغان»دىن كېيىن، ئالدانغۇچىدىن ئالدامچىغا ئايلىنىدۇ-دە، بۇنىڭدىن «دومىلىما قار پومزەك» شەكلىدىكى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش ھاسىل بولىدۇ.

  بەشىنچىسى، ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش. بۇنىڭ ئىچىدە، يەنە بەزىلىرى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ۋە مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ بولغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە چېتىلىدۇ.

  «ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرى شاخلىتىپ سېتىشقا قاتناشقان بولسا، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى سالغان مەبلىغىنى قانۇن قوغدىمايدۇ»، ساقچىلار كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شاخلىتىپ سېتىشتىن ھوشيار بولۇپ، شاخلىتىپ سېتىشنى چەكلەپ، شاخلىتىپ سېتىشتىن يىراق تۇرۇشىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر