باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خۇشال ھالدا ئورنىدىن تۇرۇشتىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل

2016.12.15 18:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەبىئىي ئويغانغانغا قەدەر ئۇخلاش ھاياتلىقتىكى بىر خوشاللىق ئىش، لېكىن قەھرىتان قىش پەسلىدە، قاق سەھەردە ئىسسىق يوتقاندىن ئۆمىلەپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ بىر چوڭ دەھشەتلىك جازا. نۇرغۇن كىشىلەر كېچىكىپ قېلىشقا ئاز قالغاندا تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئاندىن پۈتۈن بىر كۈن خامۇش يۈرۈپ، توختىماي ئەسنەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كارىۋىتىڭىزدىن ئاسانلا خوشلىشىدىغان بىر ئەپچىل چارە بار.

  ئەگەر ئورۇندىن تۇرۇشقا 10 مىنۇت ۋاقىت يەتمىسە، ئۇيقۇ تېببىي ئىلمى بويىچە داڭلىق مۇتەخەسسىس ۋە بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۇيقۇ-نەپەس كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور گو شىخېڭ خۇشال ئورنىدىن تۇرۇشتىكى بىر قانچە ياخشى ئۇسۇلنى سىزگە تەۋسىيە قىلىپ، سىزنى ھەمبەھىرلەيدۇ.

  سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىش: سەھەردىكى تۇنجى ئىستاكان سۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ بەدىنىڭىزنى ئويغىتىپ، يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئادەم بەدىنى كەچتە ئۇخلىغاندا، سۈيدۈك ۋە تېرە ئارقىلىق، ھەمدە نەپەسلىنىش جەريانىدا زور مىقداردا سۇ سەرپ قىلىدۇ، سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنى بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك سۇ كەمچىل بولۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ. بىر كېچىدە ئادەم بەدىنىدىن تەخمىنەن 450 مىللىلېتىر سۇ تەركىبى ئېقىپ كېتىدۇ، سەھەردە سۇ ئىچكەندە، بەدەندىكى مېتابولىزم ئارقىلىق، يوقاتقان سۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن توڭلاتقۇدىكى مۇزدەك سۇنى ئىچىدۇ، ھەمدە، بۇنداق بولغاندا ئادەمنى ئەڭ بەك روھلاندۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە, بۇنداق قىلىش خاتا، چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەممىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، زىيادە سوغۇق ياكى بەك قىزىق سۇلار ئاشقازان-ئۈچەيلەرگە تەسىر قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن، ئۆي تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشاش بولغان سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىش كېرەك، ھاۋا سوغۇق ۋاقىتتا ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشكە بولىدۇ.

  ياتاق ئۆيدىكى ھەممە چىراغنى يېقىۋېتىش: ئەگەر سەھەر تۇرۇش سىزگە نىسبەتەن ناھايىتى قىيىن ئىش بولسا، ئۇنداقتا ياتاق ئۆيدىكى چىراغ نۇرى سىزگە ياردەم قىلىدۇ. سائەتنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنغان ھامان، دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ياتاق ئۆيدىكى ھەممە چىراغلارنى يېقىۋېتىپ، ئۆزىڭىزگە ئاپتاپ كەبى يورۇقلۇقنى ھېس قىلدۇرسىڭىز، ئۇيقۇڭىز قانماسلىقنىڭ ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىسىز. ئەگەر قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان ئىللىق ياز پەسلى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، دېرىزە پەردىسىنى ئېچىپ، دېرىزە ئالدىغا كېلىپ سەيلە قۇياش ئاستىدا نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالسىڭىز، تېنىڭىزنىڭ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى بىلەن لىق تولغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. بۇنداق قىلىش بەدىنىڭىزنى پۈتۈن بىر كۈن راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ.

  رېتىم تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاش: نەچچە يىل ھەمراھ بولغان قوڭغۇراق مۇزىكىسىنى ناھايىتى ئاسانلا ئېتىۋېتەلەيدىغانلىقىڭىزنى بايقىدىڭىزمۇ؟ چۈنكى، چوڭ مىڭە تونۇش ئاۋازنى ناھايىتى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا, ئىككى-ئۈچ قوڭغۇراقنى نۆۋەتلىشىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يانفوننى قوڭغۇراقلىق سائەت قىلىپ ئىشلىتىش ئادىتىڭىز بار بولسا، يانفوندىكى قوڭغۇراق ئاۋازىنى دائىم ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، لېكىن «ئەللەي ناخشىسى»غا ئوخشاش يېقىملىق قوڭغۇراق ئاۋازىنى ھەرگىز ئىشلەتمەي، بەزى رىتىم تۇيغۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان مۇزىكا بىلەن ئۆزىڭىزنى ئويغىتىڭ، چۈنكى، مۇزىكا چوڭ مېڭىدىكى ئوكسىگېن ۋە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ھەرىكەت قىلىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: يۇقارقى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ سەھەردە ئۇيقۇسى قانمىغانلارنى ئويغىتىشتا ھەقىقەتەن بەلگىلىك ياردەمى بار، بىراق بىر ساغلام ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاسانلا ئورنىدىن تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يەنىلا تۇرمۇش ئادىتىنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇخلاش بولۇپ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتى ۋە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۇيقۇ سۈپىتى بار بولغاندىلا، ئورنىدىن تۇرۇش ئۇنچە ئازابلىق ئىش بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر