باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھۆرمەت، ئەڭ ياخشى سالام

2016.12.14 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇلار ساقچى قوشۇنى ئىچىدىكى ئاددىي بىر پۇقرا بولۇپ، جىنايى ئىشلار ساقچىسى بىلەن خاراكتېرى ئوخشاش بولغان خىزمەتنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەربىر جىنايى ئىشلار ئۈستىدە دېلو پاش قىلىپ، بارلىق قاتىللارنى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچراتقۇزۇشتۇر. ئۇلارنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى ئادەتتىكى ساقچىلار بىلەن ئوخشاش، ھەممىسى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بولغان قاتتىق ئىنتىلىشتىن كېلىدۇ .

  تۇرمۇشتا، ھەربىر قانۇن دوختۇرى ئازدۇر-كۆپتۇر خاتا چۈشۈنۈش، ئوڭايسىزلىنىش، بىزار بولۇش دېگەنلەرگە ئۇچراپ باققان. بۇ خىل ئىشلار ئالدىدا، ھەربىر قانۇن دوختۇرى ئامالسىز ھالدا كۈلۈپ قويۇپلا، ئاندىن كەينىنى قېلىپ داۋاملىق قولىدىكى خىزمىتىنى قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىلىدۇكى، ھەر بىر جەسەتنىڭ كەينىدە گەپ ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ناھەقچىلىق مەۋجۇتتۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ خىزمىتى بولسا جەسەتتىن دەلىل-ئىسپات ئىزدەپ، يەنە ئۆلگۈچىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر.

  مانا بۇ ھەربىر قانۇن دوختۇرىنىڭ چىڭ تۇرۇش جەھەتتىكى ئەڭ قىممەتلىك پەزىلىتىدۇر. دەل ئۇ خىل كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىدىغان مىڭلىغان ساقچىلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى سەۋەبلىك، كىشىلەردىكى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتلىك تۇيغۇسى ئاندىن ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىكە بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز قانۇن دوختۇرلۇق كەسپىگە ھۆرمەت قىلىشىمىش كېرەك، چۈنكى، بىزنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق كەسپىگە بولغان ھۆرمىتىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ئەڭ ياخشى سالىمىزدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر