باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھاراق ئىچىش ئادىتى ئون خىل راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2016.12.13 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاراق ئىچىش بەدەنگە زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ يېقىندا, ئامېرىكا «خۇمار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ھاراققا بېرىلىش كۆپ خىل راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دېيىلدى.

  بۇ تۈردىكى يېڭى تەتقىقاتتا، يېڭى زېلاندىيە ئوتاگو ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىجتىمائىي تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور جېننى كوننېر ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنيا راك كېسىلى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكا راك كىسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى، خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى ۋە يەر شارى كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئۈستىگە ئالغان ئىسپىرتلىق ماددىلار ئۈستىدىكى تەتقىقات تۈرىگە قارىتا 10 يىلغا يېقىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ھەمدە نۇقتىلىق ھالدا ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىلەن بەدەن ئورگانلىرىنىڭ راك كېسىلى خەۋپىنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى جەملەپ تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە, ھاراق ئىچىشنىڭ ئېغىز بوشلۇقى راكى، يۇتقۇنچاق راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى, جىگەر راكى, بوغماق ئۈچەي راكى, تۈز ئۈچەي راكى ۋە سۈت بېزى راكى قاتارلىق يەتتە خىل راكنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى بايقىغان. ھاراقنى قانچە كۆپ ئىچكەندە، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. ھەر كۈنى بەش رۇمكىدىن كۆپ ھاراق ئىچكەندە، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپى %40دىن ئاشىدىكەن، ئاز مىقداردا ھاراق ئىچىشمۇ راك كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن.

  پروفېسسور كوننېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان دەلىللەر ھاراق ئىچىشنىڭ يۇقىرىقى راك كېسەللىكلىرى خەۋپىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تېرە راكى، مەزى بېزى راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى قاتارلىق ئۈچ خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. شۇنداقلا, مۇۋاپىق ھاراق ئىچىشنىڭ يۈرەك-قان تومۇرغا قارىتا قوغداش رولى بار، دەيدىغان ئۇنداق پاراڭلارنىڭ قايىل قىلارلىقىمۇ ئىلگىرى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقاندىكىدەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس ئىكەن. ئىسپىرتنىڭ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كونكرېت مېخانىزمى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. لېكىن, ھاراق ئىچكەندىن كېيىن پارچىلانغان بىر خىل بىرىكمە بىلەن ئېغىز بوشلۇقى راكى، يۇتقۇنچاق راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە جىگەر راكىنىڭ بىۋاسىتە باغلىنىشى مەۋجۇد ئىكەن. ھاراق ئىچىشنىڭ سۈت بېزى راكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىكى چوڭ بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئىسپىرت ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق گورموننىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن, ھاراقنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىش، ھەتتا قەتئىي ئىچمەسلىك تەكلىپى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر