باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يېمەيدىغان بالىلار زىققا كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ

2016.12.07 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر بالىلار ساغلاملىقنى تاللاش كەمچىل بولغان رايونلاردا ياشىسا، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %53 ئاشىدىكەن.

  مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بايقاش ئارقىلىق، تەخمىنەن %10 بالىنىڭ تۇرمۇشتا «يېمەكلىك كەمچىل»لىك ھادىسىسى بارلىقىدىن، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ بولسا، بىر كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان يېڭى مەھسۇلات تاپالمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن ئىكەن. ئېيتىلىشىچە، ئوزۇقلۇقى مول بولغان يېمەكلىكلەر ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، زىققا كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

  زىققا كېسىلى بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆپكە كېسەللىكلىرى بولۇپ، چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ نەپەس قىيىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىرچە تېخى ئۇنى داۋالاپ ساقايتىدىغانغا ئامال يوق، بىراق داۋالاشنىڭ يەنىلا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە, ئەنگلىيىدە بەش مىليون 400 مىڭ ئادەم بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان، %8 ئامېرىكىلىقلار تەسىرگە ئۇچرىغان.

  ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك، زىققا كېسىلى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار 2043 نەپەر بالىنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش قىلىپ باھالاپ كۆرگەن. تەكشۈرۈلگەن بۇ بالىلار ئالتە ياشتىن 18 ياشقىچە ئىكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، %57 ياش-ئۆسمۈرلەر مېۋە-كۆكتات دۇكىنىدىن ئاز دېگەندىمۇ يېرىم مىل كېلىدىغان جايدا ياشايكەن. زىققا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ تەخمىنەن %21ى يېمەكلىك كەمچىل رايونلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈدىكەن، يېڭى مېۋە-كۆكتات دۇكىنىغا بىر قەدەر يېقىن بولغان جايدا ياشايدىغان بالىلارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %17 ئىكەن.

  بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، كىچىك چاشقان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېگەندە، ئۇنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئازايتىشقا ياردىمى بولغان. ئەمما چاڭسىمان قۇرت بىلەن ئۇچرىشىش شەرتى ئاستىدا، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىك يەيدىغان چاشقاننىڭ ئۆپكىسىدە ياللۇغلىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ تەتقىقاتتا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى (گۈل چېڭى كېسەللىكى) ۋە سېمىزلىك ھەمدە زىققا كېسىلى قاتارلىقلارنى تىزگىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئويلاشتى. ياخشى ئوزۇقلىنىش ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن بەك مۇھىم، بولۇپمۇ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا، بەدەن ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرى، بولۇپمۇ نەپەس يولى ۋىرۇسى دېگەندەك ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، بۇ ئەلۋەتتە زىققا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر