باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەنت كادىرلىرىنى خالىغانچە ۋاقىتلىق يۆتكىمەڭ

2016.12.06 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاساسىي قاتلامغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، بىر يېزا-بازار پارتكوم ئىشخانىسىدا سەككىز توققۇزچە ياشلارنىڭ ئولتۇرغىنىنى ئۆردۈم. سۈرۈشتە قىلىپ باقسام، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئىشتاتلىق ئىشخانا خادىملىرىدىن سىرت، قالغانلىرى پۈتۈنلەي ئەسلى تۇرۇشلۇق يېزا-كەنتىگە ئەۋەتىلگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەنت كادىرلىرى ئىكەن. كەنت كادىرى بولغانىكەن، نېمىشقا بۇ يەردە تۇرىدۇ؟ بەزى كادىرلار مۇنداق دېدى: مانا، يىل ئاخىرىغا يېقىنلىشىپ قالدى، بازار ئىچىدە تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر، كۈندىلىك ئىشلار مالىمان، شۇڭا، ۋاقىتلىق ياردەم قىلىشقا يۆتكەپ چىقىرىلدى. ھالبۇكى، بەزىلەر بۇ نەدىمۇ ۋاقىتلىق يۆتكىگەنلىك بولىدۇ، بەزى ياشلار بۇ يەردە تۇرغىلى ئىككى، ئۈچ يىل بولدى، دېدى.

  دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەنت كادىرلىرى توغرىسىدىكى تۈزۈمنى چىقاردى، ئاساس جەھەتتە ئىككى چىقىش نۇقتىسى بار: بىرىنچىسى، يېتىشتۈرۈش ئىستىقبالى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ، ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يىغىپ، ئامما بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىشنى ئۈمىد قىلغان؛ ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەقلىي، نەزەر دائىرىسى، تەپەككۇر ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنچىسى، يېزا-كەنتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئالدىن ھالقىپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ نامرات ۋە قالاق قىياپىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەت قىلىشتۇر. كەلگەن ئىكەنسەن، خاتىرجەم تۇر.

  شۈبھىسىزكى، خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەنت كادىرلىرىنى بازارغا ھەتتا ناھىيەگە ۋە شەھەرگە بېرىپ ياردەم بېرىشكە ۋاقىتلىق ئاجرىتىش، بولمايدۇ ئەمەس، بولىدۇ. لېكىن ۋاقىتلىق ئاجرىتىپ كەتكەن كادىرلارنى يەنە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك، بەلگىلەنگەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا، ئۇلارنى كەنتلەرگە قايتۇرۇۋېتىش كېرەك. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بەزى بىر قىسىم كەنت كادىرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاقىتلىق يۆتكەشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پاسكىنا، قالايمىقان ۋە ناچار يېزىدىن يىراق تۇرۇشتىن، بۇدۇشقاق كەنت ئاھالىلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشتىن، ھەتتا «ياردەم» قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئورگان كادىرلىرى بولۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەنت كادىرلىرىنىڭ كەنت سالاھىيىتىنى ئېنىق قىلىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەنت كادىرلىرىنىڭ يېزا-كەنتتە قىلىش ئىشەنچىسىدە مـۇستەھكەم تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بىپايان زېمىندا نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر