باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى بىر نەپەر مۇھەرىر قوبۇل قىلىدۇ

2016.10.31 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى 1997- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تورلىرىنىڭ سەركىسى، ھەمدە دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا زور تەسىرىي كۈچكە ئىگە. نۆۋەتتە خەلق تورىنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە دېگەندەك 15 خىل يېزىقتىكى 16 خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، كۈندە 24 سائەت پۈتۈن يەر شارىدىكى تورداشلارنى تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىپ تۇرىدۇ. خەلق تورىنىڭ تور ئابونتلىرى 200 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان بولۇپ، 2012- يىلى 4- ئايدا خەلق تورى پاي چەكلىك شىركىتى غەلىبىلىك ھالدا پاي چېكىنى بازارغا سالغان.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

  خىزمەت ئورنى: بىيجىڭ

  خىزمەت خاراكتېرى : پۈتۈن كۈنلۈك

  قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى سانى: بىر كىشى

  خىزمەت تەپسىلاتى: خىزمەت تۈرى خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تەھرىرلىكى بولۇپ، كونكرېت خىزمەتلەر بولسا، ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرنى تارقىتىش، ئاخبارات خەۋەرلەرنى يېزىش، تەرجىمە قىلىش، تور بەت ئاسراش، مەخسۇس سەھىپە پىلانلاش ۋە كۈندۈلۈك ماقالىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئۈندىدار نۇسخىسىنى ھازىرلاش، سىنلىق سۆھبەت، تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇش دېگەندەك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

  قوبۇل قىلىش شەرتلىرى:

  1. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بولۇشى كېرەك. ئاخبارات، تىل ـ ئەدەبىيات، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ؛

  2. ئۇيغۇرچە ـ خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىغان، ئانا تىل ئاساسىي كۈچلۈك، تەرجىمىگە ماھىر، مۇئەييەن دەرىجىدە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك؛

  3. بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان پىلانلاش ۋە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشى، كوللېكتىپ ھەمكارلىق ئېڭى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك؛

  4. دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە پىششىق بولۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇشى كېرەك؛

  5. خىزمەتتە پۇختا، ئەستايىدىل ۋە ئاكىتىپ بولۇشى، ئاخبارات ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ياخشى كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك؛

  6. ئالاقە تورىغا پىششىق، ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرىنى جايىدا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك؛

  7. بىر يىلدىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تارىخى، كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئالاقىدار ئاخبارات ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش كەسپىي تەجرىبىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ؛

  8. يېشى 23 ياشتىن 30 ياشقىچە بولۇشى كېرەك.

  شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دوستلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. uyghur@people.cn


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر