باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىر خىل بەخت بار، ئۇ بولسىمۇ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەققىدە مۇلاھىزە

2016.10.24 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھرىر ئىلاۋىسى

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانى مۇھىم تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى. بۇ پائالىيەتنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ يۈرۈشلۈك ماقالە ئېلان قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى، بولۇپمۇ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە چوڭقۇر دوستلۇقىنى جانلىق نامايەن قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان قېرىنداشتەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تەسىرلىك مەنزىرىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ روھى ۋە كۈچىنى قوزغىتىپ ۋە مۇجەسسەملەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭراتقان ئاساسىي مېلودىيەسى، ئەڭ كۈچلۈك ساداسى بولۇپ قالغۇسى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بۇ پائالىيەتنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىنى، كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نى ئەل قەلبىگە سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا ياڭرىتىدىغان ئاساسىي مېلودىيە، ئەڭ كۈچلۈك ساداغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە، بۈگۈندىن باشلاپ تورىمىز يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. مەملىكەت خەلقى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ياردەم بەرگەنلىكى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە تىرىشىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلاردەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتقان تەسىرلىك كارتىنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ، ۋاقىپ بولغايسىزلەر. سان – ساناقسىز يۇلتۇزلار كۆكتە جىلۋە قىلماقتا؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرماقتا.

  كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر زېمىنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ نۇرى ۋە مېھىر – شەپقىتى چېچىلغان مۇنبەت زېمىن. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، خۇددى قۇياش نۇرىدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشقا رىغبەتلەندۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ھەر مىللەت خەلق «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك»

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت – سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلدى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بەلگىلەپ بەردى.

  مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا بەھرە ئېلىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزلەرنىڭ بىرى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش جەريانىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يەنىلا ئۇ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولدى. «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» دېگەن سۆز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى سۈپەتلىسەك ئىنتايىن مۇۋاپىق بولىدۇ ھەم مەنىسى چوڭقۇر.

  ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، ئەڭ مۇستەھكەم ئاساس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەنگەندە، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىمىسىنى تەقدىم قىلدى؛ تەقدىم قىلىنغان ئاسايىشلىق دۆلەت سۆزىدىكى «ئانار» سۆزىمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەر مىللەت خەلق «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» دېگەن سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ئىجادىي لايىھەلەنگەن، ئۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر.

  تارىخ ۋە رېئاللىق قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولاتتەك سېپىل قۇرۇشتا. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ھەر مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ۋە «بەشنى تونۇشى»نى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەش كېرەك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، بەخت – سائادەت، ئاسايىشلىق ئاندىن مۇستەھكەم تىرەككە ئىگە بولىدۇ.

  «جۇڭگو ئارزۇسى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئارزۇسى»

  لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ داشى كەنتى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى «جۇڭگودىكى 1 – كەنت» دەپ نام ئالغان داڭلىق خۇاشى كەنتى بىلەن بىر خەت پەرقلىنىدۇ، داشى كەنتىنىڭ شىنجاڭدا خۇاشى كەنتىگە ئوخشاش نامى بار. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما «تۈمەن ئائىلە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قەلبىگە چاچتى، كەنتنىڭ گۈللەپ راۋاجلانغان قىياپىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بەختلىك تۇرمۇشىغا بولغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب خەت يازدى ھەم ئۇلاردىن «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تېخىمۇ ياخشى شۇغۇللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۇرتداشلارنىڭ كۈنىنى بارغانسېرى ياخشىلاش»نى ئۈمىد قىلدى.

  ئىتتىپاقلىق كۈچ ، ئىتتىپاقلىق غەلىبە. چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشكەن داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

  2015– يىلى 9 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىگە «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن سۆز كەشتىلەنگەن جازا قويۇلدى، بۇنى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇچقارا 2 – كەنتىدىكى خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر ئاچا – سىڭىل ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەشتىلەپ چىققان. ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى سۈپىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن شۇ دەقىقىلەرنى ئەسلىگىنىدە، خانئايشەم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان «جۇڭگو ئارزۇسى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئارزۇسى» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە. 56 مىللەت بىر ئائىلە، بىز بىر – بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىشىمىز كېرەك.بۇ يىل دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن ئاخىر ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇلار كۇچا ناھىيەسىدە قۇرغان ئاچا – سىڭىللار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت باشلىدى. «يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى»، دېدى خانئايشەم.

  «شىپالىق يامغۇر تەڭرىتاغنى ياشارتتى»

  بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى» دۆلەت قاتلىمىدا تۇرۇپ يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەندى، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ئالاھىدە سىياسەت بولۇپ، ئۇنىڭدا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى يولغا قويۇشتا ئوقۇش پۇلىنى، دەرسلىك ھەققىنى، ياتاق ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەم ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۈچلەرنى قوزغاپ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، ئالاھىدە مايىللاشقان يۆلەش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزدى.

  «جۇماتاي دوختۇرنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى خۇددى يايلاقتىكى گۈللەردەك كۆپ». بۇ تېكەس ناھىيەسى بوزدۆڭ چارۋىچىلىق رايونىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى. 10 – ئاي كىرىپلا ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى جۇماتاي ئاۋبەكىر قىشلىق يايلاقتىكى داۋالاش نۇقتىسىدا يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇماتاي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىنى ئېسىدىن ھەرگىز چىقارمايدۇ: «دوختۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، چارۋىچىلار ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشىڭىز كېرەك، مانا بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى. شىنجاڭدىكى ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك».

  شىپالىق يامغۇر تەڭرىتاغنى ياشارتتى. مۇشۇ يىللاردا، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئارقا – ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈردى. پارتىيەنىڭ شەپقىتى تاغدىنمۇ ئېگىز، دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جەزمەن تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي قىياپەت بىلەن، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر