باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇزۇن سەپەر روھى نېمە ئۈچۈن مەڭگۈلۈك؟

2016.10.21 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزۇن سەپەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان، زېمىننى زىل-زىلىگە سالغان قەھرىمانلىق قىسسىسىدۇر، ھەمدە پارتىيەمىزنىڭ 90 نەچچە يىللىق ئاجايىپ ھەيۋەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى ئەڭ بەك تىترىتىدىغان، ئەڭ نادىر سەھىپىلىرىنىڭ بىرى. مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان بۇ قەھرىمانلىق قىسسىسى بىزگە ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى قالدۇردى.

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى، بىراق ئۇزۇن سەپەر روھى مەڭگۈ ياشنايدۇ

  بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ. مەنىسى مول، روھى كۆتۈرەڭگۈ مىللەت ئۆز تارىخى ۋە ئەنئەنىسىدىن تەرەققىيات كۈچى ۋە ئوزۇقلۇقى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ھەمدە باشتىن ئاخىر ئۇلارنى زور روھىي بايلىق دەپ بىلىدۇ. ئۇزۇن سەپەر ئۆتۈپ كەتكىلى 80 يىل بولدى، ئىس- تۈتەكلەرگە تولغان ئۇرۇشنىڭ ئاللىقاچان ئىزناسى قالمىدى، شۇ يىللاردىكى قىزىل شاكىچىكلەرمۇ ئاللىقاچان بوۋايلارغا ئايلاندى. ۋاقىت ئۆتسىمۇ، ئەستىلىكلەر ئۆز پېتىدا. دۇنيانىڭ ئىشلىرى قانچىلىك ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، روھ مەڭگۈ ياشنايدۇ. قىزىل ئارمىيەنىڭ قوماندانلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى، ئىنقىلابىي ئېتىقادقا بولغان توختىماي تىرىشىشى ۋە قىيىنچىلىقتىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك جەسۇرانە روھى بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا. مەيلى ئۆتمۈش، ياكى ھازىر، ۋەياكى كەلگۈسى بولسۇن، ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشى، كۈرەش قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە بولغان قىممىتى ئادەتتىكىچە ئەمەس، ئۇزۇن سەپەر روھى ئۇنىڭ تەڭداشسىز مۇستەھكەم ئېتىقادى، جاپاغا چىداشلىقى ۋە باش ئەگمەسلىكى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئەبەدىيلىككە ئېرىشتى.

  ئۇزۇن سەپەر روھى پارتىيەمىز روھى، دۆلىتىمىز روھى ۋە ئارمىيەمىز روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى. ئۇزۇن سەپەر روھى بولسا، قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىقى ۋە قان كېچىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ ئەينەن كارتېناسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىگىلمەي -سۇنماي، ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك مىللىي روھىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، ئىنقىلابنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ مەنبەسىدۇر. ئۇزۇن سەپەر روھىدىن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلبە مەنبەسىنى تېپىشقا بولىدۇ. پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە ھاسىل قىلغان يەنئەن روھى، شىبەيپو روھى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇلۇغ روھلار بىلەن يىلتىزداشتۇر. ئۇزۇن سەپەر روھى نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلارنى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ باي-قۇدرەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قان كېچىپ قۇربان بېرىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى ۋە شۇنداق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، بۇ خىل روھ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. ئۇزۇن سەپەر روھى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قىممەتلىك روھىي بايلىقى بولۇپ، بىزنىڭ تۈگىمەس-پۈتمەس كۈچ مەنبەيىمىز بولۇپ قالدى.

  ئۇزۇن سەپەر روھى بىزنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى يېڭى مۇساپىدە زور غەيرەت-شىجائەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۈگۈن بىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە مىسلىسىز يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا مىسلىسىز يېقىنلاشتۇق. ھەمدە شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ھەرگىز تۈپتۈز ئەمەس، نىشانغا يېقىنلاشقانچە، يولۇقىدىغان قىيىنچىلىق ۋە قارشىلىقلار شۇنچە چوڭ بولىدۇ. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، بىزنىڭ چوقۇم قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى جارىي قىلدۇرۇشىمىز، ھەمدە ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز زۆرۈر. ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى ماڭايلى.

  قىزىل ئارمىيەنىڭ شانلىق ئابىدىسى ئۆچمەيدۇ، ئۇزۇن سەپەر روھى مەڭگۈ ياشنايدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر