باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

2016- يىللىق تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتلىرىغا كىملەر ئېرىشتى؟

2016.10.19 08:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 13- ئۆكتەبىر چۈش سائەت 1دە، شىۋېتسىيە ئىنستىتۇتىدا، 2016- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئامېرىكا ناخشىچىسى ۋە ناخشا نوتىسى ئىجادىيەتچىسى، خەلق ناخشىچىسى، شائىر بوب دىلۇن ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئېلان قىلىنىپ بولدى.

  

  فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى


  شۇ جاي ۋاقتى 3- ئۆكتەبىر، شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي ئىنستىتۇتى نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى 2016- يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى يوشىنورى ئوسۇمى (Yoshinori Ohsumi)غا بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى، ھەمدە ئۇنىڭ ھۈجەيرە ئاۋتوفاگىك مېخانىزمىنى بايقىغانلىقىنى تەقدىرلىدى. يوشىنورى ئوسۇمى ((Yoshinori Ohsumi 1945- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ، توكيو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى پىروفېسسورى بولىدۇ، ئىلگىرى گېرد خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  فىزىكا مۇكاپاتى

  شىۋېتسىيە سىتوكھولم ۋاقتى 4- ئۆكتەبىر، شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2016- يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى داۋىد سولىس (David J. Thouless)ۋە دۇنكان ھالدانە (F. Duncan M. Haldane) بىلەن مايكول كوسىدېھلىس (J. Michael Kosterlitz)غا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ماددىي توپولوگىيەلىك فازا ئۆزگىرىش ۋە توپولوگىيەلىك فازا ئۈستىدىكى چوڭ نەزەرىيەنى بايقىغانلىقىنى تەقدىرلىدى.

  داۋىد سولىس (David J. Thouless)1934- يىلى تۇغۇلغان، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە، ئۇ بىر يۇقىرى مولېكۇلا فىزىكا ئالىمى، ئىلگىرى ۋولف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھازىر ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئونۋىرسىسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

  دۇنكان ھالدانە (F. Duncan M. Haldane) 1951- يىلى تۇغۇلغان، ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى، تەتقىقات ساھەسى بولسا، ئۇيۇشۇش ھالىتى فىزىكىسىدۇر. نۆۋەتتە ئۇ ئامېرىكىنىڭ پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

  مايكول كوسىدېھلىس (J. Michael Kosterlitz)1942- يىلى ئەنگلىيە ئابېردىندا تۇغۇلغان، 1969- يىلى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە ئۇ ئامېرىكا بروئۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

  

  خىمىيە مۇكاپاتى


  شۇ جاي ۋاقتى 5- ئۆكتەبىر 2016- يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىنى فىرانسىيە ستراسبوۋرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جېەن پېر ساۋاج (Jean-Pierre Sauvage)، ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جامېس فىراسېر ستودارت (Sir J.Fraser Stoddart) ۋە گوللاندىيە گرونىنگېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بېرنئارد فېرىنگ(Bernard L.Feringa)غا بەردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ « مولېكۇلا ماشىنىسىنى لايىھەلەش ۋە بىرىكتۈرۈش» جەھەتلەردىكى تۆھپىسىنى مۇكاپاتلىدى. ئۇلار 8 مىليون شىۋېتسىيە كلۇنان (تەخمىنەن 6 مىليون 16 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)لىق مۇكاپات سوممىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ.

  جامېس فىراسېر ستودارت (Sir J.Fraser Stoddart)1944- يىلى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر فىرانسىيە ستراسبوۋرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورى ۋە فىرانسىيە دۆلەت پەن تەتقىقات مەركىزى(CNRS)نىڭ شۆھرەت مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

  جامېس فىراسېر ستودارت (Sir J.Fraser Stoddart)جاز 1942- يىلى ئەنگلىيە ئېدىنبۇرگ ئەمىردە تۇغۇلغان. نۆۋەتتە ئۇ ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ .

  بېرنئارد فېرىنگ(Bernard L.Feringa)1951- يىلى گوللاندىيەنىڭ باغ كامپاسكومدا تۇغۇلغان، ھازىر گوللاندىيە گرونىنگېر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئورگانىك خىمىيە پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

  

  ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى


  شىۋېتسىيە سىتوكھولم ۋاقتى 10- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، 2016- يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى، ئولىۋىر خارت (Oliver Hart)، بەرنت خومىسترو (Bengt Holmstrom) بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ پۈتۈم نەزەرىيەسىگە بولغان تۆھپىسى تەقدىرلەندى.

  ئولىۋىر خارت (Oliver Simon ‘Arcy Hart) 1948- يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان، لوندون پادىشاھلىق ئىنستىتۇتىدا تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن، ماتېماتىكا ئوقۇغان. ئەنگلىيە ۋارۋىك ئىنستىتۇتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، ئىقتىساد ئوقۇغان. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدە دوكتورلۇق ئوقۇغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

  خومىسترو (Bengt Holmstrom) 1949- يىلى فىنلاندىيە خېلسىنكىدە تۇغۇلغان، 1978- يىلى ئامېرىكا سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئامېرىكا ماسسا چوستېس تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىلىمى پىروفېسسورى.

  

  تىنچلىق مۇكاپاتى


  نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى فېيف 7- ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2016- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوسقا بەردى، ھەمدە ئۇنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ 50 نەچچە يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى تەقدىرلىدى. فېيف مۇنداق دېدى: گەرچە مىڭبىر جاپا-مۇشەققەت بولسىمۇ، كولومبىيە خەلقى ھەققانىيلىق ۋە تىنچلىقنى ئىزدەش ئۈمىدىدىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمىگەن. بۇ مۇكاپات تۈرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كولومبىيە خەلقىغە ۋە تىنچلىق مۇساپىسىگە قاتناشقان ھەر قايسى ئەرباپلارغا بولغان سالىمى دەپ قارىلىدۇ.

  ئەدەبىيات مۇكاپاتى

  2016- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى شۇ يەر ۋاقتى 13- ئۆكتەبىر ئېلان قىلىندى. ئامېرىكىلىق مۇزىكانت بوب دىلۇن مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولدى. مۇكاپات تارقاتقان چاغدىكى باھا بېرىش سۆزىدە ئۇنىڭغا «ئۇ، ئامېرىكا ناخشىچىلىقىنىڭ ئۇلۇغ ئەنئەنىسىگە يانداپ، شېئىرىيەتنىڭ يەنە يېڭىچە شەكلىنىمۇ ياراتتى.» دەپ باھا بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر