باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قىزىل ئارمىيەنىڭ دۈشمىنى بولغان گومىنداڭنىڭ نەزىرىدىكى ئۇزۇن سەپەر

2016.10.17 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى باشلانغاندىن كېيىن، جياڭ جيېشى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مىليوندىن ئارتۇق ئەسكەرنى قورشاش، قوغلاش ۋە توسۇشقا يۆتكەپ ئەۋەتتى. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ مەركىزىي قوشۇنىدىن باشقا، يەنە گۇاڭدوڭ قوشۇنى، گۇاڭشى قوشۇنى، خۇنەن قوشۇنى، گۇيجۇ قوشۇنى، يۈننەن قوشۇنى، سىچۇەن قوشۇنى دېگەندەك يەرلىك مىللىتارستلارنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئاسماندا ئايروپىلانلار بىلەن چارلاپ بومباردىمان قىلسا، يەر يۈزىدە چوڭ قىسىملار بىلەن ئۇدا ئىز قوغلاپ، بىر جەڭدىلا قىزىل ئارمىيەنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتماقچى بولدى. ۋاھالەنكى، قەيسىرانە قىزىل ئارمىيە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، شەنشى-گەنسۇ رايونلىرىدا ئۇچرىشىپ، ئۇلۇغ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغۇدەك بىر قەھرىمانلىق قىسسىسىنى يېزىپ چىقتى.

  ئۇنداقتا، قىزىل ئارمىيەنىڭ دۈشمىنى، يەنى قورشاپ يوقىتىشقا قاتناشقان گومىنداڭ قوماندانلىرى قىزىل ئارمىيە ۋە ئۇزۇن سەپەرگە قانداق قارىغان؟

  جياڭ جيېشى: دوكلاتتىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، جۇ دې ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ باندىت قوشۇنلىرى سىچۇەننىڭ جەنۇبىدىن ئۆتكەندە، خەلقنى ھىچقانداق پاراكەندە قىلماپتۇ

  1935- يىلى 1- ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە چىشۇي دەرياسىدىن بىرىنچى قېتىم ئۆتكەندە، ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى يۈەنخوۋچاڭدىن تېزلىكتە ئۆتۈپ، شۈيوڭ ناھىيە بازىرىغا قىستاپ كەلدى. بۇ چاغدا شۈيوڭ رايونىدىكى گومىنداڭ ئارمىيەسى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئاشلىق ئېھتىياجى بارغانچە ئېشىپ، خەلقنىڭ ئامبارلىرى قۇرۇقدالدى، ئۇرۇقلارمۇ تۈگىدى، يەنە كېلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئىنتىزامىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەپ كېتىشى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى دائىم يۈز بېرىپ تۇردى، خەلقنىڭ ئاھ-زارى پەلەككە يەتتى.

  بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، قىزىل ئارمىيە بارغانلىكى جايلاردا ئىنتىزامىنى قاتتىق تۇتۇپ، خەلقنى قىلچە پاراكەندە قىلماي، ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى.

  جياڭ جيېشى ئەل قەلبىنى مايىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەچكە، ليۇ شياڭ ۋە پەن ۋېنخۇاغا ئالايىتەن مەخپىي تېلېگرامما يوللاپ: «دوكلاتتىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، جۇ دې ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ باندىت قوشۇنلىرى سىچۇەننىڭ جەنۇبىدىن ئۆتكەندە، خەلقنى قىلچە پاراكەندە قىلماپتۇ، قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، يەردىن تۇرۇپلارنى كولاپ يېگەن جەڭچىلەر ھەربىر تۇرۇپ ئۈچۈن بىر يۈەندىن پۇلنى تۇرۇپلارنى كولىغان ھەربىر تۆشۈككە قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپتۇ؛ شۈيوڭغا كەلگەندە تۆت كىشىنى تۇتۇپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر خيانەتچىنى ئۆلتۈرگەندىن باشقا، قالغان ئۈچىنى قويۇۋېتىپتۇ، بۇ ئارقىلىق خەلقنى قايمۇقتۇرۇپتۇ. قولۇڭلاردىكى ئارمىيەنى چىڭ باشقۇرۇڭلار، خەلقنى ئاسراپ، ئۇ باندىت قوشۇنلارغا پايدىلانغىلى قويماڭلار»، دېگەن.

  جياڭ جيېشىنىڭ بۇ تېلېگراممىسىدىن قىزىل ئارمىيەنىڭ شۇ چاغدا ئۇزۇن سەپەر جەريانىدىكى ئىنتىزامىنىڭ پولاتتەك قاتتىق بولغانلىقتىن، ئەلنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

  خۇ زوڭنەن: ئاقساقالنىڭ بىزگە ئۇ باندىت قوشۇنلارنى يوقىتىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلغىنى بىزنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغىنى ئەمەسمۇ

  خۇ زوڭنەن جياڭ جيېشىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ئوقۇغۇچىسى، ھەمدە ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەمىلى ئۆسكەن كىشى ئىدى، ئۇ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، قىسقىغىنا سەككىز يىل ئىچىدە «كوزىر بىرىنچى دېۋىزىيە»نىڭ لېيتېنانت گېنېرال مەرتىۋىسىدىكى دېۋىزىيە باشلىقى بولغان، خۇاڭپۇنىڭ بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى.

  7- ئايدا، جياڭ جيېشى 49-، 60-، 61- دېۋىزىيەلەرنى، 2- دېۋىزىيەنىڭ تولۇقلانغان برىگادىسى، 1- تولۇقلانغان دېۋىزىيە قاتارلىق ھەربىي قىسىملارنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سوڭپەن ئەتراپىدىكى باۋزو رايونىغا يۆتكەپ ئاپىرىپ تەڭشەش ئېلىپ باردى. يەنە بىرىنچى دېۋىزىيەنى قوشقاندا، جەمئىي تۆت دېۋزىيە ۋە ئىككى برىگادىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى «غەربىي شىمال باندىتلارنى قوغلاش كالونناسى» قىلىپ تەشكىللەپ، خۇ زوڭنەننى باش قوماندانلىققا تەيىنلىدى، ھەمدە ئۇلارنى سوڭپەن ۋە جاڭلا قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ شىمالغا بېرىشىنى توسماقچى بولدى.

  ئەسكىرىي كۈچى كۈچلۈك بولغان خۇ زوڭنەننىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئېشىپ، ئاكتىپ مۇداپىيە كۆرۈپ، «دۆلەتنى تىنجىتىش تۆھپىسى» يارىتىشقا تەييارلاندى.

  كىم بىلسۇن، بىرىنچى دېۋىزىيەنىڭ كۈچەيتىلگەن باتالىيونى ئالدى بىلەن ماۋئىرگەيدە قىزىل ئارمىيەنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىدى، نەچچە كۈندىن كېيىن، تۆتىنچى پولكمۇ سوڭپەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا 30 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان جايدا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچراپ، 300دىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى. 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا، 49- دېۋىزىيە باۋزودىكى ئۇرۇشتا ئاساسەن بىتچىت قىلىندى.

  ئۇدا مەغلۇب بولغان خۇ زوڭنەننىڭ ئىشەنچىسى پۈتۈنلەي تۈگەپ، قول ئاسىتىدىكىلەرگە: «ئاقساقالنىڭ بىزگە ئۇ باندىت قوشۇنلارنى يوقىتىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلغىنى بىزنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغىنى ئەمەسمۇ»، دەپ زارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر