باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۆلەت بايرىمىدا ئارام ئالماي ئىشلىسىڭىز ئىش ھەققىڭىز قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

2016.09.28 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بايرىمىلىق «ئالتۇن ھەپتە»دە ئىشلىسىڭىز، ئىش ھەققىڭىز قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ شاڭخەي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 1-، 2-، 3- كۈنى ئىشلىگەنلەرگە، ھەرقايسى ئورۇنلار شۇ ئەمگەكچىنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك مائاشىنىڭ %300لىك نىسبىتى بويىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشى كېرەك ئىكەن.

  «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2016- يىللىق قىسمەن بايراملارنىڭ دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە بولغان ئۈچ كۈن مەزكۇر دۆلەت بايرىمى ئۈچۈن قانۇندا بېكىتىلگەن دەم ئېلىش كۈنى ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە خىزمەتچىلەرنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، شۇ خىزمەتچىگە ئۇنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك مائاشىنىڭ %300دىن يۇقىرى بولغان نىسبىتى بويىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى قوشۇپ بېرىلىدىكەن؛ 10- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچىلەرنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئەمگەكچىلەرنى ئارامنى تولۇقلاپ ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى تۆلىمىسىمۇ بولىدىكەن، ئەگەر تولۇقلاپ ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا، شۇ خىزمەتچىگە ئۇنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك مائاشىنىڭ %200دىن يۇقىرى بولغان نىسبىتى بويىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى تۆلەيدىكەن.

  ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنى ھېسابلىغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدىكى مائاشلىق كۈن سانى 21.75 كۈن بويىچە كۈنلۈك ئىش ھەققى ھېسابلىنىدۇ، سائەتلىك ئىش ھەققى كۈنلۈك ئىش ھەققى ئاساسىدا يەنە سەككىز سائەتكە بۆلۈنۈپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنى ھېسابلاشتىكى ئاساسىي ساننى بېكىتكەندە، ئەگەر ئەمگەك توختامىدا مائاشقا قارىتا ئېنىق كېلىشىم مەزمۇنى بار بولسا، ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى مۇناسىپ مائاشىدىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئەمگەك توختامىدا مائاشقا قارىتا ئېنىق كېلىشىم مەزنۇنى بولمىغان بولسا، كوللېكتىپ توختام كېلىشىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق كېلىشىم تۈزۈلمىگەن بولسا، ئەمگەكچى تۇرۇشلۇق ئىش ئورنىدىكى نورمال ئىشقا چىقىش ئايلىق مائاش كىرىمىنىڭ %70ى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەيدە ئىجرا قىلىنغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2190 يۈەن بولۇپ، شۇ خىل ئەمگەكچىلەر 10- ئاينىڭ 1-، 2-، 3- كۈنلىرى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى ئاز دېگەندىمۇ 302 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر دۆلەت بايرىمىدا يەتتە كۈننىڭ ھەممىسىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە، يەنە كېلىپ ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇلارنى تولۇقلاپ ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا، ئۇنداقتا ئۇلار شۇ يەتتە كۈن ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 1711 يۈەن ئىسمىنا مائاشى ئالالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر