باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈندىداردىكى "كىچىك ئەپ"لەرنىڭ كېلەچىكى قانداق بولار؟

2016.09.27 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈندىدارنىڭ ئىكولوگىيەسىنى قانچىلىك زورايتقىلى بولار؟ بۇ، تۈپتىن ئېيتقاندا ئۈندىدارنىڭ سىرتقى ئىكولوگىيە بىلەن باغلىنىشىنىڭ قانچىلىك زىچ بولۇشىغا باغلىق. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۈندىداردىكى "كىچىك ئەپ"لەر سىناپ بېقىش خارەكتېرلىك بىر ئۇرۇنۇپ كۆرۈش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىنىڭ زادى قانچىلىك بولۇشى ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا باغلىق بولماقتا.

  ئۈندىداردىكى يېڭىلىقلارنى كېلەركى بازاردا كۈتۈڭ. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۈندىداردىكى "كىچىك ئەپ"لەرنى ئىچكى جەھەتتە سىناشنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى، ھەمدە بىر قىسىم تەجرىبىلىك ئىشلەتكۈچىلەر سىناپ ئىشلىتىشكە تەكلىپ قىلىندى. "كىچىك ئەپ"لەر دېگەن زادى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ دەل ئۈندىداردىكى ئەپ نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ (ئۇ، ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىدىكى مۇشتەرىي نومۇرى، مۇلازىمەت نومۇرى ۋە كارخانا نومۇرىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان). بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جاڭ شياۋلوڭ مۇنداق دەپ ئىزاھات بەردى: يېڭى بىر ئاممىۋىي نومۇر شەكلى سۈپىتىدىكى ئەپ نومۇرى شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئابونتلار ئۇ ئەپلەرگە ئەگىشىپ قويسىلا كۇپايە، چۈنكى ئۇلار خۇددى يېڭى بىر ئەپ قاچىلىغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

  بۇنداق دادىل خىيالنىڭ پەيدا بولۇشىغا مۇنداق ئىككى تەرەپلىك ئامىل سەۋەبچى بولغان: بىرى، ئىشلەتكۈچىلەر ھەققىدىكى ئويلىنىش. نۆۋەتتە ئەقلىيفونلارنىڭ ئەپلىرى ساماندەك كۆپىيىۋاتىدۇ، بىراق ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ نىسبىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇمىيلاشتۇرۇش تەنەرقى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە؛ يەنە بىرى، ئۈندىدارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنىنىڭ بېكىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۈندىدارنىڭ شوئارلىرىنىڭ بىرى: ئۈندىدار بىرخىل تۇرمۇش شەكلى، ئۇ ھەممىنى تۇتاشتۇرىدۇ.

  ئۈندىداردىكى كىچىك ئەپلەر زادى نېمە ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلەيلەيدۇ؟ بىرىنچى جەھەتتىن، پروگراممىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ HTML5 (H5) تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۈندىدار ئىكولوگىيەسىنىڭ بارغانسىرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، H5 تېخنىكىسىنىڭ نەتىجىلىرى تەشۋىقات، تارقىتىش ۋە ئويۇن ئويناش قاتارتلىق جەھەتلەردە كۈنسىرى مۇھىم بولماقتا. ئەينى يىللاردا كىشىلەر قاتتىق ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان «ساراڭ مۈشۈكنى قورشىۋېلىش» ناملىق ئويۇن دەل بىر H5 ئويۇنى. H5 يېڭى نەرسە ئەمەس، بىراق بۇ خىل كىچىك ئەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، H5 تېخىمۇ بەكرەك ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، بەلكىم كېيىنچە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوينىيالايدىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  ئىككىنچى جەھەتتىن، زور تۈركۈمدىكى تېخنىكىلىق «ئاق ياقىلىقلار»غا ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ خىل كىچىك ئەپلەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر بوران ئېغىزى بولۇپ قالامدۇ-قاندق؟ ياكى خۇددى كىشىلەر ئېيتقاندەك، بۇ خىل Appلەر بۇ سەۋەبلىك خارابلىشىپ كېتەمدۇ؟ ئۈندىدارنىڭ نۆۋەتتىكى 800 مىليون ئابونتلۇق گەۋدىسىگە نىسبەتەن، مەلۇ بىر تۈرلۈك كەسپنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرسە، بۇنىڭ تەسىرى خىلىلا زور بولىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىلا بازار بەلگىلەيدۇ. ئېنتىرنېت دەۋرىدە يېڭىلىق قوغلىشىش نورمال ئەھۋال، بىراق بۇنداق "كىچىك ئەپ" تۈرىدىكى ئەپلەرنى بەيدۇ شىركىتىمۇ ئويلاپ باققان، ئىلگىرى "يىنىك ئەپ"لەر ئارقىلىق Appلەرنى يوقاتماقچى بولغان، بىراق، ئاقىۋىتى نەتىجىسىز بولۇپ چىقتى.

  ئۈچىنچى جەھەتتىن، كەسپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۈندىدارنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە، ھەمدە ئۈندىدارنىڭ ناھايىتى ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەيدۇ، ئەلىبابا، تېڭشۈن قاتارلىقلار ئۈچ تەرەپ ئۆز ئارا تىركىشىپ تۇرۇشتەك نازۇك ئىكولوگىيە ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى، بۇ خىل رىقابەت يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس باۋمولنىڭ تەتقىقات يەكۈنى بويىچە ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ خىيالى ۋە قورقۇنچىنىڭ ئەكسىچە، بۇ خىل رىقابەت شەكلى يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلمايدىكەن. چۈنكى، رىقابەت مۇناسىۋىتىدە تۇرىۋاتقان سودا گەۋدىلىرى ئوتتۇرىسىدا، يېڭىپ چىقىش ئۈچۈنمۇ يېڭى تېخنىكىنى ھەمبەھىرلەش خاھىشى بار بولىدىكەن، چۈنكى يېڭى تېخنىكىنى ھەمبەھىرلىگەن سودا گەۋدىلىرى بولسا، ئۆزىدىكى تېخنىكىغا تايىنىدىغان سودا گەۋدىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولغان بوشلۇققا ئىگە بولىدىكەن، بۇ ئاخىرىدا يەنە جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.

  ئۈندىدارنىڭ ئىكولوگىيەسىنى قانچىلىك چوڭ قىلالىشىشى، تۈپتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سىرتقى ئىكولوگىيە بىلەن باغلىنىشىنىڭ قانچىلىك زىچ بولۇشىغا باغلىق؛ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاندرويد سىستېمىسىغا بولغان ئېچىۋېتىلىش جەھەتتىكى باھا يەنىلا ئەڭ يۇقىرى، ئۈندىداردىكى كىچىك ئەپلەر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئۇرۇنۇپ بېقىش بولۇپ، نەتىجىسى يەنىلا ۋاقىتنىڭ سىنىقىنى كۈتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر