باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سىز بالىڭىزنىڭ دوستىمۇ؟

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەش ئۈلۈش بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۈندىدارىنى قوشمايدىكەن

2016.09.27 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىز بالىڭىزنىڭ رەقەملىك دۇنيادىكى دوستىمۇ؟ يېقىندا، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى بالىلار تور بىخەتەرلىكى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىندى. بۇ ھەم بالىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ دائىرىدىكى مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات دوكلاتى ھېسابلىنىدۇ.

  تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يېڭى ۋاسىتىلەرنىڭ بالىلارغا ئۆزلىشىش نىسبىتى ئويلىغىنىمىزدىكىدىنمۇ چوڭ ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن تور خەۋپلىرى بار ئىكەن.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىدە، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى بالىلار تور بىخەتەرلىك تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىندى. دوكلات گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ باشچىلىقىدا، مەملىكەت بويىچە 18 ئاساسلىق شەھەردىكى ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، 20 مىڭدىن كۆپرەك ئۈچ ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەييارلانغان.

  بالىلارنىڭ توردىكى شەخسىي ئۇچۇرلار ھەققىدىكى ئېڭى كەمچىل

  بۇ دوكلاتتا، بالىلارنىڭ رەقەملەشكەن ھالەتتە چوڭ بولۇشىدا روشەن ھالدا يېشىنىڭ كىچىكلەش ھالىتى كۆرۈلگەنلىكى، يەسلى مەزگىلىدىلا (ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە)، يانفون بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتىنىڭ %91.8 كە، تاختا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتىنىڭ %83.4كە، كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتىنىڭ %80.6كە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىل باسقۇچىدا (توققۇر، ئون ياشلاردا) بالىلارنىڭ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىدىكەن، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىشلىتىش ھەرىكىتى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان «كىچىك ئابونت»قا تەرەققىي قىلىدىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا (13 ياشتىن 14 ياشقىچە) مەزگىلىدە يەنە يېڭى ۋاسىتىلەردىكى تارقاتقۇچى، ئىجادچى بولۇشقا تەرەققىي قىلىدىكەن، رەقەملەشكەن تېخنىكىدىكى نۇرغۇن تەرەپلەردە ئاتا- ئانىسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  بالىلار شەخسىيىتىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە مەسىلە بار ئىكەن

  بالىلاردىن: «ئەگەر توردا ھەقىقىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇش لازىم بولسا قانداق قىلىسىز؟» دەپ سورالغاندا، پەقەت %32.5 بالا ئالدى بىلەن ئاتا- ئانىسىدىن سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىۋاسىتە تولدۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى %2.9تىن، تولۇقسىزدىكى %10.5كە ئۆرلىگەن.

  تور بىخەتەرلىكىدە ئائىلە باشلىقلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماقتا

  تەتقىقات دوكلاتىدا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان خەۋپنىڭ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  ئالدى بىلەن، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ رەقەملىك دوستى بولالمايدىكەن، %44.7 ئائىلە باشلىقلىرى QQدا، %55.8 ئائىلە باشلىقلىرى ئۈندىداردا، %62.9 ئائىلە باشلىقلىرى مىكروبىلوگدا بالىلىرى بىلەن دوستلىشالمايكەن.

  ئىككىنچىدىن، ئۈنۈملۈك بولغان بىخەتەرلىك چارىلىرى قوللىنىلمىغان

  %61.7 ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا يانفون ياكى تاختا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى تاللاپ بەرمىگەن، %67.7 ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ تاختا كومپيۇتېر ئوينايدىغان ۋاقتى ۋە مەزمۇنىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن.

  ئۈچۈنچىدىن، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ رەقەملىك ۋاسىتىلەردىكى ھەرىكىتىگە ياخشى ئۈلگە بولمىغان

  بالىلىرىغا قالدۇرغان تەسىرى: ئاتا- ئانىسى ئۆيدە ھەممىدىن يانفون ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار ئالدىدا بارغانچە تەسىرىنى يوقاتقان. بالىلاردىن «ئۆگىنىشتە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا كىمدىن ياردەم سورايسىز؟» دەپ سورالغاندا، باشلانغۇچنىڭ ئوتتۇرا يىللىقلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئالدى بىلەن سورايدىغىنى ئانىسى (%34.1) ياكى دادىسى (%17.5) ئىكەن، بىراق تولۇقسىزدا، ئۇلار ساۋاقداشلىرىدىن سورايدىغىنى (%25.4) ياكى توردا ئۆزى جاۋابىنى ئىزدەيدىغىنى (%21.4) ئىكەن.

  «بەش قەدەملىك ئۇسۇل» ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش لازىم

  بىرىنچى، پايدىلىق تەرىپى قوللىنىپ، يېڭى ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىش، ناچار تەسىردىن ساقلىنىش پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، بالىلارغا بىخەتەر، ساغلام، مەدەنىي ھالدا يېڭى ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش مۇھىتى يارىتىش لازىم.

  ئىككىنچى، ئىككى باسقۇچنى ياخشى پەرقلەندۈرۈپ، توغرا ئىگىلەش لازىم. يەنى سەككىز ياشتىن بۇرۇن بالىلار بىلەن قائىدە ئورنىتىش، بالىلارنىڭ يېڭى ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم؛ سەككىز ياشتىن كېيىن، سۆزلىشىشنى نوپۇزنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش، بالىلارنىڭ مۇستەقىل تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

  ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ تور دۇنياسىدا يولۇقۇشى مۇمكىن بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە، بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئەسلىھەلەرنى چەكلىمىسىز ئىشلىتىپ خۇمار بولۇش مەسىلىسىگە، ۋاسىتىلەر بىلەن قېرىنداش بولۇش مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش لازىم.

  تۆتىنچى، بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى، ئارىلىشىش ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

  بەشىنچى، يېڭى ۋاسىتىلەرنىڭ بەش خىل ئىقتىدارى، يەنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىدىكى ياخشى قوللىغۇچىسى بولۇش، تۇرمۇشىدىكى ياخشى ياردەمچىسى بولۇش، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ياخشى ئويۇنچۇقى بولۇش، ئالاقىدىكى يېڭى يولى بولۇش، ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىشىدىكى ياخشى ئۇسۇلى بولۇشتەك رولىدىن ياخشى پايدىلىنىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر