باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سۈي يوڭيۈەن خامۇشلۇق كېسىلىگە مۇنداق قارايدىكەن: خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئۆلۈۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس

2016.09.21 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردە، سۈي يوڭيۈەن مىكرو بىلوگدا نەچچە پارچە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە توختالدى. سۈي يوڭيۈەنمۇ بۇرۇن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان دوستلارغا، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئوبدان ئەھمىيەت بېرىپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىپ بېرىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

  خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئۆلۈۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس

  خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بەختكە قارشى ئۆلۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، خامۇشلۇق كېسىلى كىشىلەرگە تونۇش بىرئاتالغۇ بولۇپ قالدى. لېكىن، بۇ خىل كېسەل جامائەت ئارىسىدا تارقالغاندا، كىشىلەر خامۇشلۇق كېسىلىنى ئۆلۈۋېلىش بىلەن زىچ باغلاپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، خامۇشلۇق كېسىلى ئۆلۈۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس. گەرچە بەزى ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئۆلۈۋېلىش خاھىشى بار بولسىمۇ، لېكىن، مېدىتسىنا ۋە پىسخىكىلىق جەھەتتىن داۋالاشمۇ ھەم ئۈنۈمىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ خىل كېسەل ئۈستىدىن غالىپ كېلىشتە، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆزى، دوختۇرلار، ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  بىركىم ئۆزىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى قانداق جەزملەشتۈرۈشى مۇمكىن؟

  بۇ سۇئالنىڭ توغرا جاۋابى بولسا، بۇنى سىز ئۆزىڭىز جەزىملەشتۈرەلمەيسىز، چۈنكى ئۇ كەسپىي دوختۇرنىڭ ئىشى. ئۇنداقتا بىز قاچان بېرىپ دوختۇر ئىزدەيمىز؟ ئەمەلىيەتتە پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈش تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان ئاددىي بىر ئىش. ئەگەر سىزنى ئۇزۇن ۋاقىت غەم بېسىۋالسا،

  ھەمدە ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھا كەملىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ياكى ھەر قانداق ئىشقا قىزىقمايدىغان، كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالسىڭىز، يەنە كېلىپ، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش ۋە ھاراق ئىچىش دېگەنلەرنىڭمۇ كەيپىياتىڭىزغا پايدىسى بولمىسا، ئۇنداقتا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ.

  خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولسىڭىز باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن قورقماڭ

  بىز ئادەتتە ئاشقازان كېسىلى، ئۈچەي كېسىلى، جىگەر كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى دېگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالساق، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقمايمىز-يۇ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساق، نېمەدەپ باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن قورقىدىكەنمىز؟

  خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش باشقا كېسەلنى داۋالاش بىلەن ئوخشاش

  خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش بىلەن باشقا كېسەلنى داۋالاش ئوتتۇرىسىدا پەرقى يوق. يەنى، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ كېسىلى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىككىنچىدىن، بىر ياخشى دوختۇر ئىزدەش، ئۈچىنچىدىن، داۋالاشقا ياخشى ماسلىشىش، تۆتىنچىدىن، قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. سۈي يوڭيۈەننىڭ تەجرىبىسى شۇكى، جامائەت خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساۋاتنى بەك ئاز بىلىدۇ، لاياقەتلىك دوختۇر ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل.

  «سۈي يوڭيۈەننىڭ ئۇيقۇسىزلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» قانداق كەلگەن؟

  بۇ ئەسلىدە 1981- يىلىلا باشلانغان. ئۇ چاغدا سۈي يوڭيۈەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇنجى قېتىم كىشىلىك تۇرمۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، نەتىجىدە، ئۇيقۇ توسالغۇسى ئۇنى ئازابلىغان. كېيىن يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر پىروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرى بولغان، ئەمما شۇنىڭغا ئەگىشىپ، سۈي يوڭيۈەن بارغانسېرى تېخىمۇ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان.

  2001- يىلى، ئېغىر خىزمەت بېسىمى ۋە روھىي بېسىم، سۈي يوڭيۈەننىڭ ئۇيقۇ توسقۇنلۇقىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي خامۇشلۇق كېسىلىگە ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىشىغا زامىن بولغان، نەتىجىدە، تېنچلاندۇرغۇچلار تۈردىكى دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ بەدىنىدە خېلى بۇرۇنلا ئانتىتېلا پەيدا بولغان.

  2002- يىلى، سۈي يوڭيۈەن «شۇنچىلىكلا ئىش»دېگەن كىتابنى چىقارغاندا، ئۇ كىتابنىڭ بازىرى خېلى ئىتتىك بولغان. ئۇ «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» دېگەن پىروگراممىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن. خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ سايىسىدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىققان سۈي يوڭيۈەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «شەخسلەر» پىروگراممىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى، شۇ مەزگىللەردە، ھەر كۈنى ئۆلۈۋېلىشنىڭلا كويىدا بولۇپ يۈرگەنلىكى قاتارلىق سىرلارنى ئاشكارىلىغان.

  2006- يىلى سۈي يوڭيۈەننىڭ كېسىلى پەسىيىپ ئەسلىگە كەلگەن، كېيىنچە خامۇشلۇق كېسىلى سايىسىدىن ئاخىرىقۇتۇلۇپ چىقىپ كەتكەن.

  لېكىن،2014- يىلى، سۈي يوڭيۈەن يەنە ئۆزىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قالدۇق ئاسارىتىدىن تېخىچە ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى: مەن ھازىر ئاساسەن ئۇخلىمايمەن، ئۇخلايدەپمۇ ئۇخلىيالماسلىق ئەڭ ئازاپلىق ئىش ئىكەن. ئون يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، خامۇشلۇق كېسىلىنى يەتكۈچە تارتقان سۈي يوڭيۈەن ئاخىرىساقايدى، گەرچە سۈي يوڭيۈەن ئاللىقاچان خامۇشلۇق كېسىلىگە خاتىرجەم يۈزلىنەلەيدىغان بولسىمۇ، بىراق خامۇشلۇق كېسىلى ئۇنىڭغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

  2015- يىلى، سۈي يوڭيۈەن ئۆزىنىڭ يەنىلا نورمال ئۇخلىيالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ، بۇ كېسەلنىڭ ئۇلارنىڭ جەمەتىدىن ئۇدۇم بولۇپ قالغان ئىرسىيەت كېسەللىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ مومىسى ئۇخلىيالمايدىكەن، ئاپىسىمۇ ئۇخلىيالمايدىكەن، ئۆزىمۇ ھەم ئۇخلىيالمايدىكەن. ھازىر ھەتتا ئۇنىڭ قىزىمۇ ئۇخلىيالمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر