باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئائىلە باشلىقلىرى ئۈندىدار توپىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟

2016.09.20 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆچمەن ئېنتىرنېتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يانفوندىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش يوللىرىمۇ ئۈندىدار دەۋرىگە كىردى. يەسلىدىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە، ھەممە سىنىپلار دېگۈدەك ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئۈندىدار توپلىرىنى قۇردى، ئوقۇتقۇچىلار ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش، تاپشۇرۇق بېرىش قاتارلىقلار قولايلىق بولدى، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايدىغان بولدى.

  بىراق، ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى بولىدۇ، ئۈندىدار توپىنىڭمۇ ھەم شۇنداق.

  ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالاقىسى بارغانچە «سىنىپلارنىڭ ئۈندىدار توپى»دىن ئايرىلالماس بولۇپ كەتتى، بىراق قاچاندىن باشلاندى، «سىنىپ توپى»نىڭمۇ مەنىسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى، كۆز-كۆز قىلغان، بالىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى نامايان قىلغان، بېلەت تاشلاش ئىلتىماسى، سېتىقچىلىق، پايچېكى... دېگەندەكلەر. ئائىلە باشلىقلىرى بۇنداق قائىدىسىزلىك قىلسا، قائىدىگە بويسۇنۇش ھەققىدە بالىلىرىغا قانداق تەربىيە قىلىدۇ؟

  ئائىلە باشلىقلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ■ ياخشىچاق بولۇش، ئېكراننى تولدۇرۇۋېتىش تىپىدىكىلەر

  ▼ ئوقۇتقۇچى ئۇچۇر يوللىسىلا دەرھال «مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، تېنىڭىزنى ئاسراڭ» دېگەندەك گەپلەرنى قايتۇرۇش.

  مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇق، ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىلا بولىدۇ، قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. زۆرۈر بولمىغان ئىكران تولدۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، «تاپشۇرۇۋالدىم» دېگەن سۆزنى قايتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

  ▼ مۇئەللىم نېمىلا دېسۇن، بىر نېمە دەپ قويۇش، بىر تال ئۇچۇرغا نەچچە ئون كىشى ئوخشاش مەزمۇننى قايتۇرۇپ، مۇھىم ئۇچۇرنى كۆمۈۋېتىش.

  ▼ كېچە سائەت ئوندىن كېيىنمۇ بەزى ئائىلە باشلىقلىرى توپتا ئۇچۇر يوللاپ يۈرۈش.

  باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، كەچتە توپتا ئىمكانقەدەر بەك كەچ پاراڭلاشماسلىق، مۇھىم ئىش بولسا ئوقۇتقۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش لازىم.

  ■ كۆز- كۆز قىلىپ داملىتىش تىپىدىكىلەر

  ▼ بالىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆز-كۆز قىلىش.

  بۇ خىل قىلمىش بىلىپ بىلمەي نەتىجىسى ناچار بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ.

  ▼ ھەر خىل ساياھەت سۈرەتلىرىنى يوللاش.

  بۇ خىل خۇسۇسىي سۈرەتلەرنى چەمبىرەككە يوللىسىلا بولدى، سىنىپ توپىغا يوللىغاندا كۆپچىلىكنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايدۇ.

  ▼ تۇرۇپ تۇرۇپ بالىسىنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى، ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلىرىنى، رەتلىك يازغان خەتلىرىنى يوللاپ، مەغرۇرلانغان ھالدا باشقىلارنىڭ يۈرەك بېرىشىنى ئېيتىش، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك كۆيۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر.

  ئائىلە باشلىقلىرى ھەممە يەردە داملىتىپ يۈرمىسىمۇ، بىر بالىنىڭ ئىلغارلىقىنى يوشۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. كەمتەر «تالانتلىق بالىلار» كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ھەمدە ئوقۇتقۇچىمۇ ياقتۇرىدۇ.

  ■ ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈش تىپىدىكىلەر

  ▼ ھەركۈنى توختىماي توپتا بالىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇش، بالىنىڭ مەكتەپتە ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەش.

  ئائىلە باشلىقلىرى بالىسىغا بۇنچە ئىشەنمىسە، بالىلار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى قانداق تىكلەيدۇ؟ قانداق چوڭ بولىدۇ؟

  ▼ بىر بالىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى سىنىپ توپىغا كىرىۋېلىش.

  بالىنىڭ چوڭ بولۇشتىكى بېسىمى دەل مۇشۇنداق پەيدا بولىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى بۇنداق قىلغانچە، بالىنىڭ چوڭ بولۇشى شۇنچە تەس بولىدۇ.

  ■ مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇر يوللاش تىپىدىكىلەر

  ▼ يۈرەك بەرگۈزۈش، بېلەت تاشلىتىش، سېتىقچىلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىنىپ توپىغا يوللاش.

  باشقىلارنىڭ بالىڭىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «ئۇنىڭ ئانىسى دائىم سىنىپ توپىدا سېتىقچىلىق ئۇچۇرلىرىنى يوللايدۇ» دېيىشىنى ئۈمىد قىلمايسىزغۇ؟ شۇڭا بالىڭىزنىڭ ئازراق يۈزىنى ساقلاڭ!

  ■ سىنىپ توپىدا ئۇرۇشۇش تىپىدىكىلەر

  بالىلار ئوتتۇرىسىدا مەكتەپتە كىچىككىنە ماجرا يۈز بەرسە، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىسىنى قوغداش روھى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىپ، توپتا ئۇرۇشۇش.

  ئائىلە باشلىقلىرى بۇنچە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، بالىسىغا قانداق قىلىپ ئۇرۇشماسلىق، ھەممىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەرىكىتىڭىز بىلىپ بىلمەيلا بالىڭىزنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  ▼ سىنىپ توپىدا ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلماسلىقى، نەتىجىسى، رەت تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلماسلىقى كېرەك، بۇ بالىنىڭ غورۇرىغا زىيان سالىدۇ، بۇ ھەم ئاتا ئانىلارنى بىئارام قىلىدۇ.

  ▼ ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلماقچى بولسا، ئىمكانقەدەر بارلىق ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ سۈرىتىنى سىنىپ توپىدا كۆرەلىشى لازىم.

  ئىمكانقەدەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك بايقاش لازىم.

  ▼ ئىسپاتلانمىغان ئۇچۇرلارنى قەتئىي يوللىماسلىق، ئائىلە باشلىقلىرىنى ئورۇنسىز ئەنسىرەتمەسلىك لازىم.

  ▼ ئەگەر قىسمەن ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلە بولسا، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىش لازىم، ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرنى توپتا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  ▼ زور مىقتاردىكى زۆرۈر بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئارقىسىغا «قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېگەن خەتلەرنى ياكى مۇشۇنىڭدەك سۆزلەرنى قوشۇپ سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

  توپنىڭ يېتەكلىگۈچىسى بولۇش، توپقا يوللاشقا بولمايدىغان بىر قىسىم مەزمۇنلارغا قارىتا، سىپايىلىك بىلەن ئەسكەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر