باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بويۇننى قالايمىقان تولغاپ ئومۇرتقىنى بىئارام قىلىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ، ئاغرىق پەسەيتىدىغان ئىككى خىل ئەپچىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

2016.08.23 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، لېكىن بۇنچىۋالا كۆپ ئۇسۇللاردىن زادى قايسى خىل ئۇسۇلنى تاللىغان ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە سىز ئۇسۇلنى ئۆز ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىز جۇڭگو تېبابىتىنى ياقتۇرسىڭىز، جۇڭيىچە ئۇۋۇلاش، يىڭنە سانجىش، سىيرىپ ئىلىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تاللاڭ، ئەگەر سىز يېيىشكە ئامراق بولسىڭىز، ئۇنداقتا يېمەكلىك بىلەن داۋالاشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

  بويۇننى قالايمىقان تولغاپ ئومۇرتقىنى بىئارام قىلىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

  نۇرغۇن كىشىلەر چېنىققاندا بوينىنى ئايلاندۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق قىلغاندا ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا قاراش، چۈنكى بويۇننى ئايلاندۇرغاندا باش قېيىش، ئىچى ئىلىشىش، بەدەن ئاغرىش دېگەندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن ياشانغانلار تېلېۋىزور ۋەگېزىتتىن ئومۇرتقا چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇلار، بۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇرتقىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما،ئومۇرتقا كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر بولغانلار، ھەمدە ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى تىپىدىكى ۋە يۇلۇن تىپىدىكى ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بىمارلار، شۇنداقلا ياشانغانلارمۇ ئومۇرتقا چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى دەيدىغان بۇ خىل ھەرىكەتنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

  بويۇن ۋە مۈرىنى چېنىقتۇرۇش قائائىت توغرا بولغان بىر قانچە خىل ئۇسۇل شۇكى،بويۇننى ھەر تەرەپكە ئاستا ئايلاندۇرۇش، بېشىنى ساڭگىلىتىش، يۈزىنى ئاسمانغا قىلىش، سولغا قاراش، ئوڭغا قاراش قاتارلىقلار. بولۇپمۇ ياشانغانلار ئەگەر بويۇن ۋە مۈرىنى چېنىقتۇرماقچى بولسا، ئىككى قولىنى تۈز قىلىپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، ئاندىنبىلىكىنى دۈمبىسىگە ئۇزارتىپ، ئاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا پەسكە چۈشۈرۈشى كېرەك. ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرغانلارغا نىسبەتەنبۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بويۇن قىسىمنىڭ مۇسكۇلى مۈرە بىلەن بىرتۇتاش بولغاچقا، مۈرىنى ھەرىكەتلەندۈرسە بويۇن قىسىم مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن بىلەن تەڭ بولىدۇ، يەنە كېلىپ، بۇ خىل ھەرىكەت يۇمشاق بولىدۇ. مەسىلەن،يوگا ۋە سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ھەرىكىتى دېگەنلەر دەل بۇ خىل ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنى تۇيۇقسىز تولغىمايدىغان بولغاچقا، ئومۇرتقىغا نىسبەتەن ھىچقانداق خەتىرى يوق.

   ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئىككى خىل ئەپچىل ئۇسۇل

  1 . مۈرىسىنى قېقىپ بېرىش

  ئوڭ قولى بىلەن سول مۈرىسىنى قېقىش، سول قولى بىلەن ئوڭ مۈرىسىنى قېقىش، مۈرىنى قاققاندا قولنى قانچە ئۇزۇن سۇنالىسا شۇنچە ئۇزۇن سۇنۇش، مۈرە قېقىشنى 77 قېتىم داۋاملاشتۇرۇش. بۇ ھەرىكەتنى قىلغاندا، ئەگەر ياشلار بولسا، ئارقىسىدىن قاقسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ياشانغانلار ئۈستىدىن قاقسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ قاننىڭ دەرھال راۋان ئايلىنىشىغا پايدىسى بار.

  2. چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ تۇرۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇر-قوپ ھەرىكىتىنى تەكرار قىلىپ بېرىش

  چوڭقۇر نەپەس ئېلىشتا، ئۇنىڭ بىر تۈرى كۆكرەكچە نەپەسلىنىش، يەنە بىر تۈرى قورساقچە نەپەسلىنىشتۇر. بىز ئادەتتە نەپەس ئالغاندا، ھەر بىر قېتىمدا 500 مىللىلىتىر ھاۋانى سۈمۈرمىز ۋەچىقىرىمىز، بىر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا 2500 مىللىلىتىردىن 3000 مىللىلىتىرغىچە ھاۋا سۈمۈرۈلىدۇ ۋە چىقىرىلىدۇ. بۇنداق بىر قېتىملىق چوڭقۇر نەپەس ئېلىشنىڭ ھاۋا مىقدارى ئادەتتىكى يەتتە سەككىز قېتىملىق نەپەستىكى ھاۋا مىقدارىغا تەڭ بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇنىڭداسۈمۈرۈلگەن ئوكسىگېن يەتتە-سەككىز ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپلا قالماستىن، شۇنىڭغا ئەگىشىپ دىيافراگمىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان، جىگەر، تال، ئۈچەي قاتارلىقلار مۇ يۇمشاق ئۇۋۇلىنىشقا ئېرىشىپ، ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ، ھەمدە جىگەر كېسىلىنىڭ ھەممىسى يوقايدۇ، يەنە تېخى ئىچكى ئەزالارمۇ ئاسرىلىپ قالىدۇ.

  زوڭزىيىپ ئولتۇر-قوپ ھەرىكىتى دېگىنىمىز، ئورنىدىن تۇرۇپ ئاندىن يەنە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى قايتا-قايتا تەكرارلاش بولۇپ، بۇنىڭدا بۇ خىل ھەرىكەتنى بەشتىن 10 قېتىمغىچە تەكرار ئىشلەپ، كېيىنچە ئاستا-ئاستا 15-20 قېتىمغا يەتكۈزۈش كېرەك. ئادەم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاندىن يەنە قوپسا، بۇ سىمپاتىك ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىنى ئەڭ ياخشى چېنىقتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر