باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەملىكەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەر تېزىملىكى ئېلان قىلىندى

ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ئەدىب، تەرجىمان مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2016.07.29 20:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يازغۇچىلار تورىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت «تۇلپار مۇكاپاتى» باھالاش كومىتېتى 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، 75 پارچە دەسلەپكى تاللانغان ئەسەر ۋە ئۈچ نەپەر تەرجىمە ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى باھالاپ چىققان. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 75 پارچە ئەسەر رومان، پوۋىست-ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، شېئىر ۋە نەسىر قاتارلىق بەش تۈر بويىچە تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ھەر بىر تۈردىن 15 پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

  مۇخبىرنىڭ سىتاتېستىكا قىلىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 15 پارچە رومان ئىچىدە غەيرەت ئاسىم، ئابباس مونىياز قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىبلەرنىڭ ئىككى پارچە رومانى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ ئەسئەت ئابدۇرىشىت، ئاشې (ئۇيغۇر يازغۇچى، ئەسىرى خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان) قاتارلىق ئىككى ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرى پوۋىست-ھېكايە تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ ئىلغارجان سادىقنىڭ شېئىرىي توپلامى شېئىر تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ گۈلنار ئوبۇلنىڭ تەرجىمە ئەسىرى تەرجىمە ئەسەر تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر