باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى شەيئىلەرمۇ تۆۋەن چەكنى ساقلىشى كېرەك

2016.07.28 11:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى كۆپ قېتىم ھۆججەت چۈشۈرۈپ، توردا نومۇر كۆرسىتىش قاتارلىق ئېنتىرنېت تورىدىكى مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردى، تەركىبىدە شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، زوراۋانلىق، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇترىتىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارغا چېتىشلىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدىن 26نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي، يەنە توردا ئويۇن قويۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ شۇ ئورۇنلار تەمىنلىگەن توردىكى ئويۇن قويۇشقا قارىتا ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەزمۇننىڭ قانۇنلۇقلۇقى، تىجارەتنىڭ تەرتىپلىكلىكى، مەنبەنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

  نۆۋەتتە، ئېنتىرنېت تورى تېخنىكىسى ۋە سىن كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى مۇھىم سۇپىسى بولۇپ قالدى. تەرەققىيات جەريانىدا، ئاھالىلەرنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكى مىسلىسىز زورايدى، خۇددى ئاساسەن ھەممە يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىلىق كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغانغا ئوخشاش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشمۇ ئىجتىمائىي تەرەققىيات، تاراتقۇ تەرەققىياتى، ئېنتىرنېت تورى تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، كىشىلەرگە تولۇق بولغان سۆز ئەركىنلىكى بېرىش بىلەن بىللە، يەنە قانۇن ۋە قاتتىق كەسىپ ئۆلچىمى ئارقىلىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش زۆرۈر بولدى.

  ھەر قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى يېڭى شەيئىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇ يېڭى شەيئىلەر ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىراق ھەربىر يېڭى شەيئى كونا مۇھىتقا كىرگەندە، ئىككىسىنىڭ تېزلىكتە ياخشى ھالەتكە كېلىشى ناتايىن، بەزىلىرىنى تەڭشەپ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ماسىلىشىشىغا مەلۇم مەزگىل كېتىدۇ. توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىمۇ دەل شۇنداق بولۇپ، پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىللە، سىنلارنىڭ پەسكەشلىشىشى، شەھۋانىيلىشىشى، چاكىنىلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆپلەپ كۆرۈلمەكتە. سەرخىل مەزمۇنلار ۋە ناچار مەزمۇنلار تەڭ مەۋجۇد بولۇپ، پۈتۈن كەسپىي ساھەنى ئويلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى.

  ئانالىزدىن قارىغاندا، بىر قىسىم توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىنىڭ شەھۋانىي مەزمۇنلارغا چېتىلىشىدا، ئارقىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئاساسىي سەۋەب بولغان. ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئىلگىرىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە جازالاش چارىلىرى بىلەن زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى سېلىشتۇرغاندا، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ، بۇ مەلۇم دەرىجىدە بىر قىسىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىنىڭ يۈرىكىنى چوڭايتتى. زەربە كۈچلۈك بولماسلىق، كەسىپ ئۆلچىمى ئېنىق بولماسلىق دەل توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى چەكلىيەلمەسلىكنىڭ مۇھىم سەۋەبى. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت مەسئۇل كىشى ۋە سۇپىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنى تۆۋەن چەكنى ساقلاشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ.

  تور بوشلۇقى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق بولغان روھىي ماكانى. تور بوشلۇقىنىڭ پاكىز، ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى بولۇشى خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ. توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتەك بۇنداق يېڭى شەيئىگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلھاملاندۇرۇش لازىم، بىراق تۈزۈم ۋە قائىدە ئاۋۋال يولغا قويۇلۇشى لازىم. ھەممە كەسىپلەر چوقۇم كەسىپ قائىدىسى ۋە ئەخلاق تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر