باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن ئۈچ تۈرلۈك ئىلھام

2016.07.15 10:52   مەنبە: خەلق تورى

ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن ئۈچ تۈرلۈك ئىلھام

  10-ئىيۇل، پورتۇگالىيە كوماندىسى ماھىرى كرىستيانو رونالدو (ئوتتۇرىدا) مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا مۇكاپات لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.

  پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ فىرانسىيە كوماندىسىنى يېڭى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن، 2016-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ، نادىر توپلار نۇرغۇن، بەزى مەيدان مۇسابىقىلەر قىزىمىدى، بەزى مەيدان مۇسابىقىدە ئەگرى توقايلىقلار كۆپ بولدى. مەيلى مۇسابىقە جەريانى بولسۇن، ياكى نەتىجىسى بولسۇن، بىزنىڭ قايتا ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، بىراق مۇسابىقە ئېلىپ كەلگەن ئىلھام بىزنىڭ تېخىمۇ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  مېنىڭچە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىزگە ئاز دېگەندە ئۈچ تۈرلۈك ئىلھام ئېلىپ كەلدى.

  بىرىنچى، يېڭىلىق ياراتمىغاندا، شاللىنىش ئېنىق. سەككىز كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلاپ قويدى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر مۇسابىقە نەتىجىسىگە ھەيران قالمىدى. چۈنكى نۆۋەتتە ئىسپانىيە كوماندىسى ئاجىزلاۋاتماقتا. ئۆزىنىڭ مۇسابىقە تاكتىكىسىنى باشقا كوماندىلار پۈتۈنلەي بىلىپ بولغاندا، نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمنى قارشى تەرەپنىڭ قاتتىق مۇداپىيەسى توسۇپ قالغاندا، يەنىلا ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بىلەن مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەندە، مەغلۇب بولۇش مۇقەررەر نەتىجە بولۇپ قالىدۇ.

  بىر كوماندىدا يېڭىلىق يارىتىش بولمىسا، مۇسابىقە ۋە رىقابەتچىسىگە قارىتا قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىسا، مەغلۇب بولۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئوخشاش قائىدە شۇكى بىر ئادەم، بىر كوللېكتىپ، بىر تەشكىلات، ھەتتا بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە يېڭىلىق يارىتىش بولمىسا، ئۆزگىرىش بولمىسا، دەۋر تەرىپىدىن شاللىنىدۇ.

  ئىككىنچى، ھەرقانداق چاغدا ئۆزىنى چوڭ چاغلىماسلىق ھەم تۆۋەنمۇ كۆرمەسلىك لازىم. بۇ خىل روشەن سېلىشتۇرما ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن ئىسلاندىيە كوماندىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىنىق گەۋدىلەندى. ئىلگىرىكى نەتىجىلىرى، چولپانلارنىڭ سانى، ماھىرلارنىڭ شەخسىي ئىقتىدارى بولسۇن، ئېنگىلاند كوماندىسى ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، ئىسلاندىيە كوماندىسى بولسا ئاجىز ئورۇندا تۇراتتى. بەلكىم دەل مۇشۇنداق مەغرۇرلۇق سەۋەبىدىنمىكىن، ئۆزىنى «تەڭداشسىز قۇدرەتلىك» ھېس قىلىپ قالغان ئېنگىلاند كوماندىسىدا بىر خىل جان تىكىپ ئېلىشماسلىق ئىستىلى كۆرۈلۈپ، ئىسلاندىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى.

  مەغرۇرلار چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ، مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ. ھېچكىممۇ مەڭگۈلۈك غالىب بولالمايدۇ، ئوخشاشلا ھېچكىممۇ مەڭگۈ مەغلۇب بولىۋەرمەيدۇ. ئەستايىدىل بولغاندا، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقىلى، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئەمەلىي كۈچى ئاجىز، ئەمما نەتىجىسى ياخشى بولغان كوماندا «قارا تۇلپار» دەپ ئاتىلىدۇ، داۋراڭسىز بولۇش «قارا تۇلپار»لاردىكى قىممەتلىك پەزىلەت. بەلكىم بەزىلەر، داۋراڭسىزلار تونۇلالماسلىقى، ھىچ ئىش قىلالماسلىقى مۇمكىن، دېيىشىدۇ، بىراق پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشى بۇ قاراشقا رەددىيە بەردى.

  ئۈچىنچى، يېڭىش-يېڭىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بەك كۆپ، ئوبيېكتىپ، سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم. پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى بولغان كرىستيانو رونالدونىڭ يارىلىنىپ بالدۇرلا مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۇتتۇرىدۇ، دەپ قارىدى، بىراق نەتىجە كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى. كرىستيانو رونالدونىڭ پورتۇگالىيە كوماندىسىغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆپچىلىك بىلىدۇ، بىراق ئۇ يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، بەلكىم كوماندىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ كۈرەشچانلىقى قايتىدىن تولۇق قوزغالغان بولۇشى، ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈم قولغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

  غالىبلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتالىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆزگىرىشتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقىدا؛ مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ مەغلۇب بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پايدىسىز ئامىللارغا يولۇققانلىقىدا ئەمەس، بەلكى بەزى ئەۋزەللىكى سەۋەبلىك خۇدىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدا. ئەۋزەللىك ۋە پايدىسىز ھالەت نىسپىي بولىدۇ: تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرماي، بارىغا شۈكرى قىلىپ تۇرۇۋەرگەندە، ئەۋزەللىكمۇ پايدىسىز ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ؛ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، پايدىسىز ھالەتمۇ ئەۋزەللىككە ئايلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ( بېيجىڭ ) قاراماي مەكتەپ رايونى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوب…
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 19–ئىيۇلدىن باشلاپ توردا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇ…
    ·2020-يىلغىچە 56 كىشىدىن ئارتۇق چوڭ سىنىپلار ئاساسەن تۈگىتىلىدۇ
    ·كامبودژالىق 70 ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە بۇ يىل 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …