باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياز پەسلىدە گۈل ئەتىرىنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

2016.07.04 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسسىق ياز پەسلىدە پاشىلار يەنە كۆپىيىشكە باشلىدى، بەزى ئاتا - ئانىلار پاشا – كۈمۈتە چېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالىلىرىغا گۈل ئەتىرى ئىشلىتىدۇ، ئەمما گۈل ئەتىرى ئىشلىتىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلار بار.

  سۇ بىلەن بەش ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ ئاندىن ئىشلىتىش

  يازدا بالىلاردا ئوڭايلا قىزىل ئەسۋە پەيدا بولىدۇ ياكى ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالىدىغان بولغاچقا، گۈل ئەتىرىنى بىۋاسىتە سۈرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، چوڭلار ئىشلىتىدىغان گۈل ئەتىرىنىڭ قويۇقلۇقى بىر قەدەر يۇقىرى، ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن سۇ بىلەن بەش ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ، ئاندىن ئىشلەتسە بولىدۇ. گۈل ئەتىرى گەرچە سوغۇق، قىچىشىشنى توختاتسىمۇ، لېكىن داۋالاش ئۈنۈمى يوق. بولۇپمۇ تېرىسى سەزگۈر كىشىلەر ئىشلەتكەندە، ئەتىرنىڭ يالپۇز، نافتالىن قاتارلىق تەركىبى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىپ، ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلاردا ناچار ئىنكاس كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى بالىلار ئەتىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

  گۈل ئەتىرى پاشا چاققاننى ساقايتالمايدۇ

  بەزىلەر پاشا چېقىۋالغاندىن كېيىن قىچىشىپ ئاغرىسا، گۈل ئەتىرى سۈرتىۋالىدۇ، لېكىن، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتى 2 - تارماق دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ۋەنجۈەن مۇنداق دېدى: بىر قىسىم تېرىسى سەزگۈر كىشىلەر گۈل ئەتىرى ئىشلەتكەندە، ئەتىردىكى يالپۇز، كامفور قاتارلىق تەركىبلەر ئۇنىڭ قىسمەن ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى بالىلارنى پاشا چېقىۋالغاندىن كېيىن، تېرىسىدە زىيادە سەزگۈرلۈك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، لېكىن، ئاتا - ئانىلار يەنە بالىنىڭ يارىسىغا ئەتىر سۈرۈپ، ئېغىر تېرە زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە سېزىم رېئاكسىيەسى يوق ئادەممۇ ئەتىر سۈرسە، پەقەت ۋاقتىنچە قىچىشىشنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ، پاشا چېقىۋالغان ئۇرۇنغا نىسبەتەن ئەتىر سۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

  ۋاڭ مۇدىر پاشا چېقىۋالغان ئۇرۇنغا ئىشلىتىلىدىغان بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك دورا ۋە چارىسىنى تونۇشتۇردى:

  ليۇشېن كۇمىلىچى: مۇۋاپىق مىقداردا ليۇشېن كۇمىلىچىنى يۇمشاق سوققاندىن كېيىن، گۈرۈچ سىركىسى (ئاچچىقسۇ) ياكى ئىلمان قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يارا ئېغىزىغا سۈرسە بولىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە يېڭىلاپ سۈرتىلىدۇ.

  خلورفېنىرامىن: بىر تال خلورفېنىرامىننى شۆلگەي بىلەن يارا ئېغىزىغا قايتا - قايتا سۈرسە، قىچىشىشنى توختىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

  ئاسپىرىن: 1~2 تال ئاسپىرىننى ئۇۋىتىپ، ئازراق سۇ بىلەن ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يارا ئېغىزىغا سۈرسە بولىدۇ.

  شوۋىگۈرۈچ پەردىسى: ئۆيدە ئەگەر سوۋۇتۇلغان شوۋىگۈرۈچ بولسا، شوۋىگۈرۈچنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى بىر قەۋەت بوتقىسىمان پەردىنى ئاستا سۈزۈپ ئېلىپ، پاشا چاققان ئورۇنغا چاپلىسا، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، قىچىشىشنى توختىتىدۇ.

  گۈل ئەتىرى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئوتقا يېقىنلاشماسلىق كېرەك

  نۇرغۇن كىشىلەر گۈل ئەتىرىنى ئېلىپلا ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ناھايىتى ئاز قارايدۇ. گۈل ئەتىرى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئوتقا يېقىنلاشقاندا، كۆيۈپ يارىلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەتىر تەركىبىدە ئىسپىرت بولغاچقا، يېنىشچان بولىدۇ. گۈل ئەتىرى ئاق ھاراق، يىلىم، ئەتىرگە ئوخشاش ئىشلىتىش ۋە ساقلاش جەريانىدا ئوت مەنبەسىدىن يىراق بولۇشى كېرەك، شۇڭلاشقا، گۈل ئەتىرى سۈرتكەندىن كېيىن تاماكا، ئەتىر شام تۇتاشتۇرماسلىق، گاز ئوچاقتىن يىراق تۇرۇش لازىم.

  گۈل ئەتىرىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
  يۇيۇنغاندا ياكى بېشىنى يۇغاندا، سۇغا نەچچە تامچە گۈل ئەتىرىنى تېمىتىۋەتسە، سالقىن بولۇپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇپ قىچىشىشنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

  كېيىم يۇيغاندا سۇغا ئىككى تامچە گۈل ئەتىرىنى تېمىتىپ 15 مىنۇت چىلاپ قويسا، مىكروب ئۆلتۈرىدۇ ھەم كىيىم - كېچەكنى خۇشپۇراق قىلىدۇ.

  گۈل ئەتىرى تېمىتىلغان سۇ بىلەن تېلېفون، يانفون، بورا قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملارنى سۈرتكەندە، پاكىزلاپلا قالماستىن، يەنە مىكروب ئۆلتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر