باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياز پەسلىدىكى ئىسسىقتا، نۇرغۇن ئادەم يۇيۇنۇشنى ياقتۇرىدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق گەرچە پاكىز بولغان بىلەن، لېكىن ئەسلىي قۇۋۋەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ.

2016.07.04 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پات-پات يۇيۇنۇش ئەسلىي قۇۋۋەتكە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟

  يۇيۇنۇش-يۇيۇنماسلىق ئاساسلىق ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يازدا ھاۋا ھۆل ئىسسىق بولغاچقا، تەر كۆپ چىقىدۇ، بىر كۈندە بىر-ئىككى قېتىم يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ، قىشتا تەر تۆشۈكچىلىرى يىغىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە بۇنى يوشۇرۇنغان پەسىل دەيدۇ. بۇنداق چاغدا كۆپ يۇيۇنسا، تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، ماغدۇرسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن. كۆپ يۇيۇنىدىغان ئادەمنىڭ تېرىسى ئاسان قۇرغاقلىشىپ، قىچىشقاق كېسىلى كۆپرەك يۈز بېرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قىش كۈنلىرى دائىم يۇيۇنسا، پات-پات زۇكام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  يۇيۇنۇشنى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ تەڭشەش كېرەك، ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە كۆپ يۇيۇنۇش، سوغۇق كۈنلەردە ئاز يۇيۇنۇش كېرەك. يۇيۇنغاندا سۇ بەك ئىسسىق بولماسلىقى، ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولمىسا، تېرىنىڭ ياغ پەردىسى بۇزۇلۇپ، تېرىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىشى، تېرە تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ، قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىسسىق سۇدا 10 مىنۇتتىن كۆپ يۇيۇنۇش زىيانلىق بولۇپ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنىدىغان ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولسىمۇ بولىدۇ.

  ياز پەسىلدە بەش ۋاقىتتا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ

  1. قان بېسىمى بەك تۆۋەن بولغاندا، يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسا، قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر ئاسانلا ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ.

  2. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنسا، قان شېكىرى ۋاقتىدا تولۇقلىنىپ بولالماي، ئاسانلا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلىكتىن ھوشسىزلىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن.

  3. قورسىقى ئاچ ياكى تويغاندىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. ئاچ قورساق يۇيۇنغاندا، ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھوشىدىن كېتىشى مۇمكىن. قورساق تويغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەندىكى تېرە قان تومۇرى ئىسسىق سۇنىڭ تەسىرىدە كېڭىيىپ، بىر قەدەر كۆپ قان تەن سىرتىغا مېڭىپ، قورساقنى قان بىلەن تەمىنلەش ئازىيىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  4. ئەمگەكتىن كېيىن دەرھال يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. ئەمگەك ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىردەم دەم ئالغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا يۈرەك، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى، ھەتتا ئايلىنىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  5. قىزىتىپ قالغاندا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃ 38تىن يۇقىرى ئۆرلىگەندە، بەدەندىكى ئىسسىقلىق سەرپىياتى % 20 ئېشىپ، بەدەن بىر قەدەر ئاجىزلىشىپ، يۇيۇنغاندا تاسادىپىي ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر