باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇپ قالمايلى

2016.06.27 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىرىنچى ئىيۇل» كېلەي دەپ قالدى، ئۇلۇغ پارتىيەمىز ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. دەل جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئاپېرىدە بولۇشى بىلەن جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئەسلىنى ئۇنتۇمىغاندا، ئاندىن ئۇزۇنغا داۋام قىلغىلى بولىدۇ. بۇ دەقىقىلەردە، ھەربىر كومپارتىيە ئەزاسى ئۆزىنىڭ قاچان پارتىيەگە كىرگەنلىكىنى ئويلاپ بېقىشى، ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك، چۈنكى شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۆزى پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كوممۇنىزم ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلىدۇ.

  بەزىلەر بەلكىم، «كىم ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇپ قالغان پارتىيە ئەزالىرى ئاز ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا، بەزىلەر ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇپلا قالماي، يەنە بەزىلەر پارتىيەگە كىرىش قەسەم سۆزىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۆزىنى پارتىيەگە كىرىشكە تونۇشتۇرغان كىشىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىنىڭ «قايسى پارتىيە ياچېيكىسىغا، قايسى پارتگۇرۇپپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كىم» دېگەنلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالماقتا. بەزىلەر ئۆزىنىڭ «قانچىلىك پارتىيە بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكى»نى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نىڭ نېمىلىكىنى، ھەتتا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارنى بەزىلەر پارتىيە ئەزالىق «نوپۇس دەپتىرى»نى يوقاتتى، دەپ ئوخشىتىش قىلدى.

  بەلكىم بەزى پارتىيە ئەزالىرى «بۇلار كىچىك ئىشلارغۇ»، دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. تەكشۈرۈلگەن نۇرغۇن پارىخور ئەمەلدارلار پۇشايمان خېتىدە، ئۆزلىرىنىڭ دەل پارتىيەگە كىرىش قەسەم سۆزىنى ئۇنتۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۇنتۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭمىغانلىقتىن، پاتقاققا چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭقۇر ھاڭغا غۇلاپ چۈشكەنلىكىنى يازغان. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزالىق «نوپۇس دەپتىرى»نى يوقاتقانلار ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقى، «مەن كىم، كىمگە تايىنىمەن، كىم ئۈچۈن» دېگەنلەرنى ئۇقمايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ خىلدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈش تەس.

  لاياقەتلىك بولۇش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «سالاھىيەت كېنىشكىسىدۇر». پارتىيە ئەزالىق «كىملىكى» بولغانلىق بىلەنلا پارتىيە ئەزالىق «سالاھىيەت كېنىشكىسى»گە ئېرىشكىلى بولۇشى ناتايىن؛ تەشكىلىي جەھەتتە پارتىيەگە كىرگەنلىك ئىدىيە جەھەتتىنمۇ پارتىيەگە كىرگەنلىككە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. يەنئەن ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر سۆھبەت يىغىنىدا، ماۋ زېدوڭ تەشكىلىي جەھەتتە پارتىيەگە كىرىپ، ئىدىيەدە پارتىيەگە كىرمىگەن ئاشۇ پارتىيە ئەزالىرىنى «بەزىلەردە بىر ئۆمۈر پارتىيە ئەزالىق پۇرىقى يوق، پارتىيەدىن ئايرىلسىلا ئىش تۈگەيدۇ»، دەپ تەنقىتلىگەن ئىدى. ئەگەر ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇپ، پارتىيەنىڭ تۈزۈم-بەلگىلىمىلىرىنى ئېنىق، چوڭقۇر بىلمەي، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا ئەستايىدىل قاتناشماي، ئۆزىدە پارتىيە ئەزالىق پۇرىقى بولمىسا، شاللىنىپ كېتىشى، ھەتتا قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش يولىغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن.

  سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە ئەزالىق ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىيلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشتۇر. نۆۋەتتە، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا، پارتىيە ئەزالىرى بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ئىشەنچ، ھېسسىيات، بۇرچ ۋە مەسىلە بىلەن ئۆگىنىشى، پارتىيە نىزامى، پارتىيە بەلگىلىمىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە يۈرۈشلۈك سۆزلەرنى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىلىش، ئۇقۇش، قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆگىنىشى، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قائىدىنى ھېس قىلىشى لازىم؛ تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەم قوغلىشىپ، لاياقەتلىك ئۆلچىمىنى تىكلىشى، ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى سىزىپ چىقىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق قىياپىتىنى تىكلەپ، كومپارتىيە ئەزاسى دېگەن بۇ «ئالتۇن تاختا»نى ھەقىقىي نۇرلاندۇرۇشى لازىم.

  لاياقەتلىك بىر كومپارتىيە ئەزاسىغا نىسبەتەن، سىياسىي سالاھىيەت كۈنىنى ئۇنتۇماسلىق پەقەت تاشقى تەلەپ بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى قىلىش، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنى ھېمايە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش ھەقىقىي «ئىچكى تەلەپ»تۇر. «قار گۆمۈرۈلگەندە ھەربىر قار گۈللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار». پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئۈچۈن سۆزلىمىسە، پارتىيەنى ھىمايە قىلمىسا، پارتىيە قانداق كۈچىيىدۇ؟ قانداق گۈللىنىدۇ؟ ھەربىر كومپارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلى ئىچىدە، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر پارتىيەمىز ئاجىزلاپ كەتسە، تارقىلىپ كەتسە، ۋەيران بولسا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غورۇرى ۋە ئارزۇسى نەدە قالىدۇ؟ ئىستىقبال ۋە تەقدىردىن قانداق سۆز ئاچقىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «دۆلىتىمىزدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئاساسلىقى پارتىيە ئىچىدىن چىقىدۇ، پارتىيەمىزدىن چىققان مەسىلە ئاساسلىقى كادىرلاردا». 88 مىليون پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھەربىرى بۇرچىنى ئادا قىلالىسا، بىز «تۆت چوڭ سىناق»تىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيمىز؛ ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتنى ياخشى ئادا قىلىپ، پاك-دىيانەتلىك بولسا، ئىشنى پاكىز قىلسا، بىزمۇ يولۇققان «تۆت چوڭ خەتەر»گە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر