باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

2016.04.15 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىز تاڭ سەھەردە تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يان تېلېفونغا تەڭشەپ قۇيۇلغان قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتسىڭىز تولىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلامسىز؟ بۇنداق بىئاراملىقنى ئازايتىش ئۈچۈن، سىز يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇرىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن 10 مىنۇتقا تەڭشەپ قويۇپ، قوڭغۇراق جىرىڭلىغاندىن كېيىن بېسىۋېتىپ يەنە بىردەم ئۇخلامسىز؟

  فىرانسىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %64 فىرانسىيەلىكنىڭ بۇ خىل «ئىككىنچى قېتىم ئورنىدىن تۇرۇش» ئادىتى بار ئىكەن، بىراق بۇ تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئارام ئالالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

  فىرانسىيە دۆلەتلىك ساغلاملىق ۋە تېببىي تەتقىقات يۇرتى نېرۋا بىيولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قوڭغۇراقنى تەڭشەپ قويۇپ ئۆزىنى بۇرۇن ئويغىتىش ئەمەلىيەتتە، سەھەر تۇرۇشتا ئۆزىگە مۇددەتتىن بۇرۇن بىئاراملىق ئېلىپ كەلگەنلىك بولۇپ، قوڭغۇراق جىرىڭلىغاندىن كېيىنكى 10 مىنۇتلۇق ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمايدۇ.

  «ئىككىنچى قېتىم ئورنىدىن تۇرۇش»نى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۇيقۇدىن ئاستا تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق، رېئال ئەھۋال ئويلىغاندەك ئۇنداق بولمايدۇ .

  قوڭغۇراق جىرىڭلىغاندا، سىز بېسىۋېتىپ يەنە 10 مىنۇت ئۇخلىغان ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، سالامەتلىككە بەكمۇ پايدىسىز ئىكەن. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سىز بىر خىل يۈزەكى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولۇپ، بۇ خىل ئۇيقۇ ھالىتى بىر كۈن چارچاش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىكەن.

  ئارىلاپ مۈگدەش بەدەننىڭ ئۆزىگە خاس بىيولوگىيەلىك سائىتىنى قالايمىقان قىلىۋېتىدىكەن ھەم چوڭ مېڭىدىكى« ئويغىنىش ۋە ئۇخلاش» رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

  پىسخولوگىيە قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشى بولسا، گەرچە ئۇ بەك چارچىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل چارچاشنى ھېس قىلالمايدۇ. خۇددى، بىر ئادەم دەم ئېلىش كۈنى سەھەر تۇرۇپ دەم ئېلىشقا سىرتلارغا چىقماقچى بولسا، گەرچە ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى پەقەت نەچچە سائەت ئۇخلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا روھلۇق بولغانغا ئوخشايدۇ.

  ئورنىدىن قانداق تۇرغاندا، تېخىمۇ ياخشى دەم ئالغىلى بولىدۇ؟ ئادې رىئان دوختۇرنىڭ قارىشىچە، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىر قېتىمدىلا ئورنىدىن تۇرۇش بولۇپ، قوڭغۇراقلىق سائەتنى نورمال ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتىغا تەڭشەپ قويۇش، قوڭغۇراق جىرىڭلىغاندا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك ئىكەن. بۇنداق بولغاندا، ئاندىن سۈپەتلىك ھەم تېز ئەسلىگە كېلەلەيدىغان ئۇيقۇغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

  لېكىن، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ېيتقاندا، «بىر قېتىمدىلا ئورنىدىن تۇرۇش» ئاسان ئەمەس .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر