باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھوشۇر ئىسلام: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا پەن-تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم

2016.03.17 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام تۇنجى، شۇنداقلا ھازىرغىچە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئاكادېمىك. ئۇ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگۈزۈپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان ۋاڭ شۈەن» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ھازىرمۇ تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتىمەن، دۆلەت ۋە شىنجاڭغا كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاكادېمىك بولۇشنى ئويلايمەن». ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئۇ خەلق تورى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا پەن-تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  سوئال: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا پەن تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەن - تېخنىكا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟

  جاۋاب: دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىمىلىك يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، پەن - تېخنىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پەن تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، 2020–يىلىغا بارغاندا، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى % 60 كە يەتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قاتارىغا كىرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭنى مىسالغا ئالساق، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭ بىر يادرولۇق رايون بولۇپ، كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكام. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۇچۇر ئارقىلىق يېتەكلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش لازىم.

  شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات مەركىزى، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپى بەردىم. شىنجاڭدا نۇقتىلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش، نۇقتىلىق پىلانلاش، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  شىنجاڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بىر قەدەر ئاجىز، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل. شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرى، چوڭ-چوڭ پەن تەتقىقات قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ئاز. شىنجاڭ بۇ جەھەتتە سالماقنى ئاشۇرۇشقا بەكلا ئېھتىياجلىق. شىنجاڭمۇ ھەم ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. يەنە بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرگەندە، ئاندىن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدۇ. بايلىققا تايىنىپ تەرەققىي قىلىش دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەقىقىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، قۇرۇق شۇئار توۋلىغان بىلەن بولمايدۇ، زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش تونۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىقتۇق

  سوئال: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە ھازىرقى پەن تەتقىقاتىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

  جاۋاب: كۆپ يىللار ئىلگىرى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى قانداق قىلىپ ئەرەب دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئىدۇق. شۇ چاغدا، ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە ئارىلاش بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى پەقەت بىزنىڭ شىنجاڭدىلا بار ئىدى. جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىزگە، ئۇلارنىڭ بىز ياسىغان سىستېمىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، مەن بەك شەرەپ ھېس قىلغان ئىدىم. 1986-يىلى، بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى ئەمەلىي باھالاپ بېكىتىش يىغىنى ئېچىلدى. ئۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچىنىڭ بولۇشى بىر مۆجىزە ئىدى. شۇ چاغدىكى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى: ئاز سانلىق مىللەتلەر ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار قورال بولغان كومپيوتېرنى ئىشلىتىش دەۋرىگە كىردى، بۈگۈن بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايرىمى، دېگەن ئىدى. شۇ چاغدا بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ناھايىتى زور زىلزىلە پەيدا قىلغان ئىدى.

  ھازىر بىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش تونۇش سىستېمىسىنى ياسىدۇق، مەن ئۇيغۇرچە گەپ قىلسام، سىز خەنزۇچە ئاڭلىيالايسىز، سىز خەنزۇچە گەپ قىلسىڭىز، مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئاڭلىيالايمەن، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك قوشۇلۇش تېخنىكىسىنى بىز ئاللىقاچان ياساپ بولدۇق. چەت ئەل بازىرىغا يۈزلىنىشتە يەنە نۇرغۇن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش خەلقئارا ئۆلچىمى تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايتى چوڭ

  سوئال: سىز ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچىنى ۋە خەنزۇچە بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگۈزدىڭىز. بەزىلەر سىزنى «ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان ۋاڭ شۈەن» دەيدىكەن، سىز قانداق قارايسىز؟

  جاۋاب: بىر قېتىملىق يىغىندا بىر ئاكادېمىك مېنى تونۇشتۇرۇپ، مېنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى «ۋاڭ شۈەن» دېدى. ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى خەنزۇ تىلى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۇچۇر جەمئىيىتىگە كىرگۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزغا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. بىز ھەقىقەتەن بىر قىسىم رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق، قىممىتىمنىڭ ئېتراپ قىلىنغانلىقىدىن مەن بەك خۇشال بولدۇم.

  ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش خەلقئارا ئۆلچىمى تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايتى چوڭ. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇرلارنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمى يوق بولسا، خەلقئاراغا يۈزلىنىشكە ئامالىمىز يوق بولۇپ قالىدۇ. مەن جۇڭگوغا ۋاكالىتەن خەلقئارا كومىتېتقا كۆپ قېتىم بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئۈستەل مۇشتلاپ تۇرۇپ تالاش-تارتىش قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويغۇزدۇم. كودىمىز بار بولسا، ئورنىمىز بار بولىدۇ، ئۇچۇرلىرىمىز پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئۇلىنالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر