- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى ۋەدىلەرنىڭ نەتىجىسىگە نەزەر
2016.03.04 13:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىقتىساد:
GDP (دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى)
2015-يىلدىكى پىلان: %7 ئەتراپىدا ئېشىش. 2014-يىلدىكى GDP 63 تىرىللىيون 646 مىليارد 300 مىليون يۈەن.
ئورۇنلاش ئەھۋالى: %6.9 ئاشتى. 2015-يىلدىكى GDP 67 تىرىللىيون 670 مىليارد 800 مىليون يۈەن.
ئاھالىلەر ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى:
2015-يىلدىكى پىلان: %3 ئەتراپىدا ئۆسۈش.
ئورۇنلاش ئەھۋالى: %1.4 ئاشتى.
مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنىدىغان مەبلەغ
2015-يىلدىكى پىلان: 477 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە ئاشۇرۇلۇش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 521 مىليارد 100 مىليون يۈەن
ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مالىيە قىزىل رەقىمى
2015-يىلدىكى پىلان: بىر ترىللىيون 620 مىليارد يۈەن
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: بىر ترىللىيون 620 مىليارد يۈەن
ئىمپورت-ئېكىسپورت ئۆسۈشى
2015-يىلدىكى پىلان: %6 ئەتراپىدا ئۆسۈش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: %8 تۆۋەنلەپ كەتتى.
پۈتۈن دۇنيا بويىچە سودا ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىدى، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدىكى تۆۋەنلىشى ئەڭ ئاز، بىراق دۇنيا بويىچە سودا نىسبەت سوممىسى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلىدى.
خەلق تۇرمۇشى:
شەھەر-بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى
2015-يىلدىكى پىلان: 10 مىليوندىن ئېشىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 13 مىليون 120 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى.
شەھەر-بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتى
2015-يىلدىكى پىلان: %4.5تىن ئاز بولۇش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: %4.05 بولدى.
ئاھالىلەرنىڭ كىرىم ئېشىش ئەھۋالى
2015-يىلدىكى پىلان: ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ماس قەدەمدە بولۇش.
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: %8.9 يۇقىرى بولدى.
2015-يىلى پۈتۈن بىر يىلدىكى GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9 بولدى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە ئىگىدارلىقىدىكى كىرىم %8.9 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئۆسۈش نىسبىتى %7.4 بولدى.
كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى
2015-يىلدىكى پىلان: يېڭىدىن 7 مىليون 400 مىڭ يۈرۈش ئۆيدە ئىش باشلاش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 7 مىليون 830 مىڭ يۈرۈش ئۆيدە ئىش باشلاندى.
كەپە رايونىنى ئۆزگەرتىش
2015-يىلدىكى پىلان: 5 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 6 مىليون 10 مىڭ يۈرۈش.
كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى
2015-يىلدىكى پىلان: %10 ئاشۇرۇش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: %10 ئاشتى
شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى
2015-يىلدىكى پىلان: ھەر ئايدا ھەربىر كىشىگە 70 يۈەن
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: ھەر ئايدا ھەربىر كىشىگە 117 يۈەن
2015-يىلى 12-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا كۈتۈنۈش پۇلى 133 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى 117 يۈەن.
شەھەر-يېزا ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىگە بولغان مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى
2015-يىلدىكى پىلان: 380 يۈەن
شەھەر-يېزا بويىچە بىر تۇتاش ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلدىكى تولۇقلىمىسىنى 320 يۈەندىن 380 يۈەنگە ئۆستۈرۈش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: شەھەر-بازارلاردا كىشى بېشىغا تولۇقلىما 446 يۈەن، يېڭىچە يېزىلاردىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تولۇقلىمىسى كىشى بېشىغا 390 يۈەن.
سېرىلمە ئارقانلارنى كۆۋرۈكلەرگە ئۆزگەرتىش
2015-يىلدىكى پىلان: غەربىي رايون، چەت رايونلاردىكى سېرىلمە ئارقانلارنى كۆۋرۈككە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: بېكىتىلگەن 288 تۈرنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى.
مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش
مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى
2015-يىلدىكى پىلان: يەنە بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 599 تۈر تاماملاندى
2016-يىلى 2-ئايغىچە بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت 9 تۈركۈمدە 599 تۈرنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %39نى ئىگىلەيدۇ.
مەمۇرىي تەستىق قانۇنىغا ماس كەلمەيدىغان باشقا تەستىق تۈرلىرى
2015-يىلدىكى پىلان: مەمۇرىي تەستىق قانۇنىغا ماس كەلمەيدىغان باشقا تەستىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 453 تۈرنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى ياكى تەڭشەلدى.
ھوقۇق تىزىملىكى
2015-يىلدىكى پىلان: ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق تىزىملىكىنى ئاشكارىلاش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 31 ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تىزىملىكىنى ئاشكارىلىدى.
چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشتا چەكلىمە قويۇلغان تۈرلەر
2015-يىلدىكى پىلان: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشتا چەكلىمە قويۇلغان تۈرلەرنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: تاماملاندى. ئەسلىدە بار بولغان 79 تۈردىن 41 تۈر ئازايتىلدى.
ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش:
ئېنېرگىيە سەرپىيات سالمىقى
2015-يىلدىكى پىلان: بىرلىك GDP سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيەنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن %3.1تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىش.
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: %5.6 تۆۋەنلىتىلدى.
كاربون تۆت ئوكسېد قويۇپ بېرىش سالمىقى
2015-يىلدىكى پىلان: كاربون تۆت ئوكسېد قويۇپ بېرىش سالمىقىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن %3.1تىن كۆپ تۆۋەنلىتىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: %6.6 تۆۋەنلىتىلدى.
گۈڭگۈرت تۆت ئوكسېد قويۇپ بېرىش سالمىقى
2015-يىلدىكى پىلان: %3 ئەتراپىدا ئازايتىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: %5.8 ئازايتىلدى.
سېرىق بەلگىلىك ماشىنا (ئادەتتە قويۇپ بېرىدىغان بۇلغىما مىقتارى يۇقىرى، قويۇقلۇقى يۇقىرى، قويۇپ بېرىش مۇقىملىقى ناچار ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ)
2015-يىلدىكى پىلان: 2005-يىلدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان سېرىق بەلگىلىك ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنى بىراك قىلىش.
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: تاماملاندى.
يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىقچىلىقتىن ئورمان-ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەرلەر
2015-يىلدىكى پىلان: 667 مىڭ گېكتار كۆپەيتىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: تاماملاندى.
ئورمان بىنا قىلىش
2015-يىلدىكى پىلان: 6 مىليون گېكتار
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 6 مىليون 325 مىڭ گېكتار
قاتناش-سۇ ئىنشائات:
يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۆمۈر يول مۇساپىسى
2015-يىلدىكى پىلان: 8 مىڭ كېلومېتىردىن ئاشۇرۇش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 9531 كىلومېتىر
تۆمۈر يولغا سېلىنىدىغان مەبلەغ
2015-يىلدىكى پىلان: 800 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 823 مىليارد 800 مىليون يۈەن
زور سۇ ئىنشاھات قۇرۇلۇشى
2015-يىلدىكى پىلان: يەنە 27 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 28 تۈردە باشلاندى
يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار:
ئاشلىق مەھسۇلات مىقتارى
2015-يىلدىكى پىلان: 550 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 620 مىليون توننا
يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنى ئازايتىش
2015-يىلدىكى پىلان: 10 مىليوندىن كۆپ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 14 مىليون 420 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن يېزا تاشيولى
2015-يىلدىكى پىلان: 200 مىڭ كېلومېتىر
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: 251 مىڭ كېلومېتىر
يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش
2015-يىلدىكى پىلان: ئۈچ مىليون 660 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: تۆت مىليون 680 مىڭ
يېزىلاردىكى نوپۇسنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
2015-يىلدىكى پىلان: 60 مىليون نوپۇس
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: يېزىلاردىكى 64 مىليون 340 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەل قىلىندى
توك ئىشلىتىش مەسىلىسى
2015-يىلدىكى پىلان: 200 مىڭدىن ئاشۇرۇش
توك ئىشلىتەلمەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى 200 مىڭ كىشىنى توك ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش
ئورۇنلىنىش ئەھۋالى: ھەممىسى تاماملاندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر