باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قىش پەسلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

2016.01.19 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ھەر يىلى قىش پەسلىدە يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قان بېسىمىنى نورمال دائىرىدە كونترول قىلىشتا ياز پەسلىگە قارىغاندا قىش پەسلىدە تېخىمۇ تەس بولىدىكەن. ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىش، سوغۇقتىن تارىيىش قانۇنيىتىگە ئاساسلانغاندا، قان بېسىمى كۈز ، قىش پەسىللىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، دورىنى ۋاقتىدا يېيىش كېرەك. بىر ھەپتىدە 2-3 قېتىم قان بېسىمنى ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال قان بېسىمنى ئۆلچەش ۋە دوختۇغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار قىشتا ئۆزىنى ئىسسق تۇتۇشقا دىققەت قىلىپ، سوغۇق شامالنىڭ بوينىدىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، ئۆيدىن چىقىشتىن ئىلگىرى شارپا تاقاپ، بوينى بىلەن مەيدىسىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك. ئۆي ئىچى – سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا زۇكام ياكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، روھى كەيپىياتىنى ياخشىلاش كېرەك، جىددىيلىشىش يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىغا پايدىسىز. تۇرمۇشتا دىققەت قىلىنسىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا قىشتىن ئامان-ئېسەن چىققىلى بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا: ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىپ، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

  نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئاق ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھاراق ئىچكەندە نېرۋىلار ئاسان غىدىقلىنىپ، ماددا ئالمىشىش كۈچىيىپ، يۈرەكنىڭ سوقۇشى تېزلەپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ، مېڭە قان تومۇر يېرىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ كۈچلۈك ھاراق كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. قان بېسىمى 140/90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولسا، دوختۇر يۇقىرى قان بېسىمى دەپ ھۆكۈم قىلمايدۇ،شۇنداقلا ئۇلارنى دورا ئىچىشكە بۇيرۇشى ناتايىن . بەلكى ئالدى بىلەن كۆزىتىدۇ. ئەگەر بىمار سېمىز بولسا، دوختۇر ئاۋۋال ئورۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئاندىن قان بېسىمىنى 3 ئاي كۆزىتىدۇ، ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن دورا ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكىنى ئويلىشىدۇ.

  دورا ئىچىش ۋاقىتىنى قان بېسىمى چوققا قىممىتىگە ئاساسەن تەڭشەيدۇ. نورمال ئادەملەرنىڭ قان بېسىم ئۆزگىرىشتا قوش چوقا بىر جىلغا بولىدۇ، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى چوققا قىممىتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 10 غىچە پەيدا بولىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 16دىن 18غىچە پەيدا بولدى، كېچىدە سائەت 2 دىن 3 كىچە قان بېسىمنىڭ ئەڭ تۆۋەن ۋاقتى. ئەگەر بىمار ئەتىگەندە قان بېسىمى نورمال، چۈشتىن كېيىن قان بېسىمى ئاندىن ئۆرلىگەن بولسا، دورا ئىچىش ۋاقتى ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 11گىچە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا چۈشتىن كېيىنكى قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

  ئادەتتە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنىڭ بېرىلىش مىقدارى ئەڭ چوڭ قىممىتىنى دورا يىگەندىن كېيىنكى بەش - ئالتە سائەت ئېچىدە، بىمار ئۆزىنىڭ ھەركۈنى بېسىم ئۆرلىگەن ۋاقىتىغا ئاساسەن ھېسابلىسا بولىدۇ.. ئەگەر ئۆزى ھېسابلاشنى بىلمىسە، مەسئۇل دوختۇرغا دورا ئىچىش ۋاقتىنى تەڭشەتكۈزۈش كېرەك.

  بەزىدە بىمارلار دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر بىر كۈندە بىر قېتىم ئىچىدىغان دورا بولسا، ئەتىگەندە ياكى چۈشتە ئۇنتۇپ قالسا، تولۇقلاپ ئىچسە بولىدۇ؛ ئەگەر بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىدىغان دورا بولسا، ئەتىگەندە ئۇنتۇلۇپ قالسا، چۈشكە يېقىنلىشىپ قالسا، تولۇقلىماڭ، چۈشتە بىر قېتىم ئىچسىلا بولىدۇ ، ھەرگىز ئىككى قېتىمنىڭ دورىسىنى بىللە ئىچمەسلىك كېرەك، بولمىسا قان بېسىمنى بەكلا چۈشۈرۈۋىتىپ، خەتەر يۈز بېرىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر