- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چاغاندىن بۇرۇن 13 ماددىلىق ئىنتىزامنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى
2015.12.29 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېڭى يىل ۋە چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، «تۆت خاھىشنى» قەتئىي تۈزىتىش، تېجەشلىك بىلەن بايرامنى ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە پاش قىلىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار، پارتىيە ئەزالىرى ،كادىرلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادچىل بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈش كېرەك، ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئۆزئارا يوقلاش، سوۋغا بېرىش، زىياپەت بېرىش قاتارلىق ھېيتلاش پائالىيەتلىرى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ - ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئومۇمنىڭ پۇلىغا سوۋغا ۋە پوجاڭزا قاتارلىق سوۋغات سېتىۋىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ ؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. « شەخسىي ئاپتوموبىلنى ئومۇمنىڭ پۇلىغا بېقىشنى» ۋە قاراشلىق ئورۇنغا ئارىيەت بېرىش مەنئىي قىلىنىدۇ. مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان تىجارەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى مەنئىي قىلىنىدۇ، ھەر خىل چاي سۆھبىتى، ئۇچرىشىش يىغىنىنى تېخىمۇ ئازايتىلىنىپ، ئاددىيلاشتۇرۇلۇش كېرەك؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ تۈرلۈك ناملار بىلەن پۇل خەجلەش ۋە قۇشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى ۋە ماددىي بۇيۇملىرىنى تارقىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ بەلگىلىمە خىلاپ سوۋغات، پۇل، ئىستېمال كارتا قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ خۇسۇسىي ئارامگاھقا كىرىش، خۇسۇسىي ئارامگاھنىڭ ئەزالىق كارتىسىنى قۇبۇل قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ توي – تۆكۈن ۋە ئۆلۈم ئىشلىرىنى بىجىرىپ ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇل -مال يىغىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋېلىش، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق شەخسى پائالىيەتلەر قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ يۇرتداشلار يىغىلىشى، مەكتەپداشلار يىغىلىشى، سەپداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، ساختا چىقىم ئاتچوت قىلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى « ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش بارغانسىرى قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۇپ،بايرام مەزگىلىدە تۈرلۈك ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرنى بايقىسا، بىرنى تەكشۈرۈپ، ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ قەتئىيلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك، « ئىككى مەسئۇلىيەت» نى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى « 13 مەنئىي قىلىش»نى « قىزىل سىزىق» ۋە « چەكلەنگەن رايون»دەپ قاراپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش پاش قىلىش يوللىرىنى راۋان قىلىپ، نازارەتچىلىك ھەممە يەردە بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى : 0991-12388، پاش قىلىش خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى شەرق شامىلى يولى 10-نۇمۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى( پوچتا نومۇرى : 830002 ) ، پاش قىلىش تور ئادرېسى : www.xjjct.gov.cn غا تىزىملاتقاندىن كېيىن، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسىنى چېكىڭ.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر