- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شاڭخەي ساھىلىدىكى ئىجتىھاتلىق ئۇيغۇر يىگىتى-نۇرمەمەت
2015.11.27 15:40 مەنبە: خەلق تورى
نەشپۈت شەھىرى كورلىدىن شاڭخەيگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ھاياتى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئالىي مەكتەپتىن دۇنيا بويىچە بايلىق جەھەتتە 500كۈچلۈك شىركەتكە كىرىش، ئۇنىڭ تۇرمۇش يولىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ئارزۇ - ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن خىيالچان بالىدىن سېتىش ماھىرى بۇلۇپ يېتىلگىچە، ئۇنىڭ ھاياتى پۈتۈن ئۆزگەردى. ئاۋات شەھەر شاڭخەيدىكى 28ياشلىق نۇرمەمەت ئۆتكۈرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە نەتىجىسى بىر جۈملىنى ئىسپاتلىدى : « پەقەت تىرىشسلا ئاندىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، پەقەت تىرىشسلا چوقۇم ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.»
بالىلىق دەۋرىدىكى ئارزۇسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى
« كىچىك ۋاقتىمدا مەن شاڭخەيدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم . . . ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئارزۇيۇم رېئاللىققا ئايلاندى، كېيىن يەنە شاڭخەيدە قېلىپ خىزمەت قىلدىم .ھەر قېتىملىق ھېيت - ئايەمدە مەن ئايروپىلاندا كورلىغا قايتىپ، ھېيتنى ئاتا _ ئانام، ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزىمەن، شاڭخەيمۇ ئۇنچە يىراق بىلىنمەيدۇ.» دېدى نۇرمەمەت.
يېقىندىلا نۇرمەمەت شاڭخەيدىن ئايروپىلان بىلەن كورلىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ «مەخسۇس بايراملىق دەم ئېلىش»نى باشلىدى، بۇ شىركەتنىڭ بۇ بىردىنبىر ئۇيغۇر خىزمەتچىسى ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن دەم ئېلىشى ئىدى.
نۇرمەمەت 1987 - يىلى تۇغۇلغان، دادىسى ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇلۇپ، خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلەتتى، دائىم نۇرمەمەتكە ئىچكى ئۆلكىلەرگە كاماندىروپكىغا چىققاندىكى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. دادىسىنىڭ شاڭخەي توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەنلىرى نۇرمەمەتتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بۇلۇپ، تەرەققىي قىلغان، ئاۋات چوڭ شەھەر ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى.
مەن ئۆزۈمگە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى ئۆگىنىش نىشانى قىلىپ بېكىتىۋالدىم» دېدى نۇرمەمەت، ئۇ 2005 - يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھۈنەر - سەنئەت كەسپىگە ئۆتتى.
سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن بۇلۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئىدى، ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگىنىشتە ئەلاچى ھىسابلىنىدىغان نۇرمەمەت بىر مەھەل ئارقىدا قالدى. « ساۋاقداشلىرىمغا يېڭىلىپ قىلىشنى خالىمايتىم، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار سىرتقا چىقىپ ئوينىغان ۋاقىتتا دەرس تەكرارلايتىم، ھەر كۈنى دىگۈدەك كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىش قىلاتتىم » دېدى نۇرمەمەت، ھەربىر قىيىن مەسىلىنى يېشىش ئۈچۈن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئەللىم ياكى ساۋاقداشلىرىنى ئىزدەپ بىلمىگەنلىرىنى سوراپ ئۆگىنەتتى.
بۇ شىنجاڭ يىگىتنىڭ قىزغىنلىقى ۋە چىداملىقلىقى ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن دوست بولدى. نۇرمەمەت ئالىي مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدىكى چاغدا، يۇقىرى يىللىقتىكى بىرەيلەننىڭ تونۇشتۇرۇشى جۇڭگو ئەزىمەتلىرى تورى ۋە ئىستىقبال تورىنىڭ مەكتەپ ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، چوڭ شىركەتلەرگە ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. كيىن ئۇ بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇپ، شىنجاڭدىن كەلگەن ھەر مىللەتتىن بولغان 50تىن ئارتۇق ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئىككى تور بېكەتنىڭ خىزمىتىنى ئىشلىدى.
ئىككى تور بەتنىڭ بەرگەن مۇلازىمەت ھەققى، ساۋاقداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇشىتكى ئاساسلىق كىرىمى بولۇپ قالدى. نۇرمەمەت ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە، ئاتا - ئانىسىدىن پۇل سوراپ باقمىدى، ئەكسىچە، 60مىڭ يۈەن پۇل ئىقتىساد قىلدى.
ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، نۇرمەمەت چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشنى ئويلىشىپ، GRE، توئېفل ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يەتتە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ، بەش مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئەمما، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەققىنىڭ يۇقىرىلىقى ئويلاپ، ئاتا - ئانىسىغا بېسىم قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەلگە چىقىش خىيالىدىن ۋاز كېچىپ، شاڭخەيدىن خىزمەت ئىزدەش نىيىتىگە كەلدى.
قايناق ھېسسىيات بىلەن كۈرەش قىلىش
بەش قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن كىيىن، 2010-يىلى مارتتا نۇرمەمەت ئاكزو.نوبېل گوروھى (AkzoNobel) قارمىقىدىكى ئاكزو.نوبېل خىمىيىۋى - سانائەت بۇيۇملىرى بۆلۈمىگە كىرىپ خىزمەت قىلدى. ئاكزو.نوبېل گۇرۇھى دۇنيادىكى بايلىق جەھەتتە 500كۈچلۈك شىركەتنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق شىركەتكە كىرىپ خىزمەت قىلىش پۇرسەت ناھايىتى قىيىن ئىدى.
نۇر مەمەت ئالدى بىلەن زاۋۇتتا ھۈنەر - سەنئەت ئىنژېنېرى بۇلۇپ ئىشلىدى، كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىش خىزمىتىگە ئالمىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىشنى مال ساتقۇچى بولۇشتىن باشلىدى. ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى، لېكىن نۇرمەمەتنىڭ ئۆزىگە بىر رىقابەت ئېلان قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ياراتقۇسى بارئىدى. « ئوچۇق - يورۇق، قىزغىن ۋە تەۋەككۈلچى مىجەزىمگە سېتىش خىزمىتى چوقۇم بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ ئويلىدىم» دىدى نۇرمەمەت، سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن، ئۇ نۇرغۇن ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن ئۇچراشتى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ پىشىپ - يىتىلىشىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇلاق بۇلۇپ قالدى.
شىركەت خىزمەتچىلەرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بۇلۇپ، نۇرمەمەت ھەر قېتىملىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەيتى ھەمدە ئۆگەنگەن نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. ھەر بىر قېتىملىق سېتىش تەجرىبىسى بۇ ياشقا نىسبەتەن بىر خىل ھوزۇرلۇق ئىش ھىسابلىناتتى؛ ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇ يېڭىچە ھەل قىلىش لايىھەسى ئويلاپ چىقاتتى.
سېتىش خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى نۇرمەمەتنىڭ شىنجاڭلىقلارغا خاس خۇشخۇي، مەردانە ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شىركەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋە خىزمەتداشلىرى ۋە خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك ئادەتتە ئۇنى يېقىملىق قىلىپ « نۇرى » دەپ چاقىردى.
ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن دېرىكتورلۇق ئورنىغىچە، نۇرمەمەت ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىش ۋاقىتىنى قىسقارتتى، نۆۋەتتە ئۇ ئاللىقاچان ئاكزو.نوبېل سانائەت خىمىيىۋى بۇيۇملار بۆلۈمى جۇڭگو رايونىنىڭ سېتىش دىرېكتورى بۇلۇپ، يىللىق مائاشى 400مىڭ يۈەنگە يەتتى.
يۇرتۇم ئۈچۈن سۆزلەيمەن
نۇرمەمەت ئادەتتە بەك جانلىق، شۇنداقلا شىنجاڭلىقلارنىڭ«ۋاكالەتچى»سى، باشقىلار ئۇنىڭدىن شىنجاڭلىقلارنىڭ سىيماسىنى كۆرەلەيدۇ.
ھەريىلى شىركەتنىڭ يىللىق يىغىنىدا نۇرمەمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەيدىكى ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەتداشلىرىغا ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ بېرىدۇ.
ھېيت - بايراملاردا نۇرمەمەت شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ خېرىدارلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆيگە بېرىپ ھېيتلايدۇ. نۇرمەمەت كۆپچىلىكنىڭ بىر تەرەپتىن ئېغىز تەگكەچ بىر تەرەپتىن ماختىشىنى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىنى تونۇشتۇرىدۇ : « شىنجاڭ بەك گۈزەل، مەززىلىك يىمەك - ئىچمەكلەر كۆپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيگە مېھمان بولۇپ بارساڭلار، ئۆي ئىگىسى چوقۇم قويلارنى سويۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇ كاۋاپلارنىڭ پۇرىقى ناھايىتى مەززىلىك . . .»
بەزى خېرىدارلار تۇنجى قېتىم نۇرمەمەت بىلەن كۆرۈشكەندە قىزىقىپ سورىدى : « سىز چەت ئەللىكمۇ؟ »
« مەن جۇڭگولۇق، مەن شىنجاڭلىق، مەن شىنجاڭلىق ئۇيغۇر.»
بەزى كىشىلەرنىڭ سوئاللىرى نۇرمەمەتنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ : « شىنجاڭلىقلار ھەممىسى ئاتلىق ئىشقا بارامدۇ؟»
«سىزنىڭ دېگىنىڭىز ناھايىتى بۇرۇنقى ئىشلار، ھازىر شىنجاڭ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، بىز ھازىر خىزمەت قىلغاندىمۇ «ئات مىنىمىز»، بىراق مىنگىنىمىز «گۆھەر ئات»( BMW) »
نۇر مەمەت يۇمۇرلۇقلىقى ۋە چېچەنلىكىنى ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا شىركىتىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرىمۇ بۇ شىنجاڭلىق يىگىت بىلەن پاراڭلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، تېخى بەزىدە شاڭخەيچە بىر - ئىككى ئېغىز پاراڭ سېلىشىپ قويىدۇ.
شىركەتتە، نۇرمەمەت بىر مۇنەۋۋەر خىزمەتچى، ئائىلىدە ئۇ ئايالى پەرىدە ھاجىمەمەت قەلبىدە بىر ياخشى ئەر، « ئۇنىڭ ئائىلە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك، ئائىلىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ.»
نۇر مەمەت ئۆزىنىڭ شاڭخەيدە يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن دوست بۇلالىشىنى ھاياتىدىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىشتەك ھېس قىلىدۇ، ئۇ كېلەر يىل شاڭخەيدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.(مەرھابا تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر