باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«يىپەك يولى رىۋايىتى»نىڭ رىژىسورى ۋاڭ ۋىنجىيېنى زىيارەت

2015.11.25 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ( مۇخبىرىمىز: مەرھابا خەۋىرى، فوتوسى)ۋاڭ ۋىنجىيې دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك رېژىسسور، جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى رېژىسسورلۇق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « چىڭگىزخان »، «بوياقخانا »، « سۇ دۇڭپۇ »، « شىمالدىكى نازىنىن » قاتارلىقلار بار. رېژىسسور ۋاڭ ۋىنجىيې ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك « ئون مۇنەۋۋەر رېژىسسور » بولۇپ باھالانغان، ئىككى قېتىم « ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى » ئەڭ ياخشى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رېژىسسورلۇق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، 30دىن ئارتۇق ھەر خىل تېما، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى 800قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئالغان. يىقىندا ئۇ رىژىسورلۇق قىلغان شىنجاڭ تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىپەك يولى رىۋايىتى» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-يۈرۈش قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا قويۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ۋە كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭدا «يىپەك يولى رىۋايىتى» تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەنمۇ مۇشۇ ئارقىلىق ۋاڭ ۋىنجىيې رېژىسسور بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىش پۈرسىتىگە ئېرىشتىم.

  زىيارەت شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ۋاڭ رېژىسسورنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. مەن دوستۇمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ۋاڭ رېژىسسورنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىغا كەلدىم. بىز كەلگەندە ۋاڭ رېژىسسور ئاللىقاچان قولىدىكى ئالدىراش ئىشلىرىنى توختىتىپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. زىيارەتنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن ۋاڭ رېژىسسور بىلەن ئازراق پاراڭلاشتۇق.سۆھبەت جەريانىدا، ۋاڭ رېژىسسورنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقى مىنى ھەيران قالدۇرسا، كىچىك پېئىللىقى، خۇشخۇيلۇقى مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. مۇشۇنداق ئۆتكەن - كەچكەن ئىشلارنى پاراڭلاشقاچ، بۇ قېتىملىق زىيارىتىمنى باشلىدىم.

  ۋاڭ ۋىنجىيې رېژىسسورنىڭ يۇرتى شەندوڭدا بۇلۇپ، ياش چاغلىرىدا، يەنى 1987-يىللىرى شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شىزاڭدا تۇرغان ئىكەن. شىزاڭدىكى ۋاقىتلىرىدا بىر قېتىم يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن. دۇنيانىڭ ئۆگزىسى ھىسابلىنىدىغان شىزاڭدىن دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان تۇرپان ئويمانلىقىغا كىلىپ، ۋاڭ رېژىسسوردا ئۆزگىچە بىر ئارزۇ، يېڭى بىر تېما پەيدا بولغان. تۇرپاندىن باشلاپ، گەنسۇ، چىڭخەينى كېسىپ، ئاخىرىدا ئەڭ ئىگىزدىكى چىڭخەيگە بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بەشتىن بىر قىسىمىنى ئىگەللىگەن بۇ تۆت ئۆلكە - رايون، بۇ رايوندىكى يىگىرمە نەچچە ئاز سانلىق مىللەت، ئون نەچچە خىل تىل، بۇخىل مەدەنىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فىلىم ئىشلەش ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ئايلانغان. بۇ فىلىم ھىكايە فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم، مەدەنىيەت فىلىمى،خەلق تۇرمۇشى، تەنتەربىيە، سەنئەت....قاتارلىق ئالاھىدىلىك ۋە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ۋاڭ ۋىنجىيې رېژىسسور شىنجاڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، دەرھال بۇ فىلىم توغرىسىدا نەچچە مىڭ خەتلىك بىر پىلان لاھىيەسى يازغان. « مەن شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭغا مەپتۇن بولغانىدىم » دېدى ۋاڭ رېژىسسور شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ،« شىنجاڭغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغانىدىم، شۇيەردىكى مەدەنىيەت، خەلق، ھەممىلا نەرسە مىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانىدى، چوقۇم شىنجاڭدا فىلىم ئىشلەيمەن دەپ ئويلىغانىدىم.». ئەمما، قايتىپ كىلىپ نۇرغۇن داڭلىق سېنارىستلارنى، يازغۇچىلارنى ئىزدەپ، بۇ فىلىمنىڭ سېنارىيىسىنى يازدۇرغان بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. ۋاڭ رېژىسسورمۇ كىيىن بۇ تېمىدىكى فىلىم ئىشلىمەكنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان، بۇلۇپمۇ، پەقەت سېنارىيىسىنى يېزىش ئۈچۈنلا، سېنارىست، يازغۇچى بولسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ يىگىرمە نەچچە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان، پۇختا بىلىدىغان ئالىملار سېنارىستلار بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن سېنارىيىنى مۇۋەپپىيەتلىك يېزىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىزلىقتىن بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچكەن، ئەمما شىنجاڭغا بولغان رىشتە بۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالمىغان.

  1998-يىلى ۋاڭ رېژىسسور « چىڭگىزخان »نى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، « چىڭگىزخان » فىلىمىگە ئارتىس تاللىغان، بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن شىنجاڭلىقلار بىلەن تۇنۇشقان، ئۇلارنىڭ مىھماندوستلۇقى، مەردلىكى، قىزغىنلىقى ۋاڭ رېژىسسورنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. فىلىم ئىشلەش جەريانىدا، شىنجاڭلىق ئارتىسلارنىڭ تىرىشچانلىقى، جاپادىن قورقماسلىقى ۋاڭ رېژىسسورنىڭ شىنجاڭدا فىلىم ئىشلەش ئارزۇسىنى تېخىمۇ يالقۇنجىتقان.بىراق مۇۋاپىق پۇرسەت، ياخشى سىنارىيە يوق، مەبلەغ مەسىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېقىنقى بىر مەزگىلگىچە بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمىغان.

  «تاكى «يىپەك يولى رىۋايىتى»نى ئىشلىگەنگە قەدەر، كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن، بىر ئارزۇ بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فىلىم ئىشلەش ئىدى،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ پۇرسەت كەلدى، «يىپەك يولى رىۋايىتى»نى ئىشلەپ كۆڭلۈمدىكى بۇ تۈگۈن يېشىلدى،ئەمما شىنجاڭغا تېخى قانمىدىم »دېدى ۋاڭ رېژىسسور چاقچاق قىلىپ،« شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى زىمىن بايلىقى ئەڭ مول جاي، شىنجاڭدا ، تاغ - دەريالار، كۆللەر، قۇملۇقلار، كەڭ كەتكەن چۆللۈك، چۆللۈكتىكى بوستانلىق، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ ئاسارەتلىرى، مەسىلەن كۇچادىكى قىزىل مىڭ ئۆي قاتارلىقلار بار، ئەگەر يەنە پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا يەنە بارىمەن، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىلىرىنى، ئادەملىرىنىڭ مىھماندوستلىقىنى دۇنياغا تۇنۇتىمەن .»

  تېلېۋىزىيە تىياتىرى«يىپەك يولى رىۋايىتى»نى ئىشلەش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇققانلىقىنى سورىغىنىمدا، ۋاڭ رېژىسسور بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، «گەرچە شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، زىمىن بايلىقى مول بولسىمۇ، زىمىننىڭ كەڭلىكى ۋە كىلىماتنىڭ ناچارلىقى سۈرەتكە ئېلىشقا نۇرغۇن تەسىرلەرنى يەتكۈزدى» دىدى. «يىپەك يولى رىۋايىتى» ئەڭ دەسلىپىدە ۋۇشى تەرەپتىكى توقۇمچىلىق كارخانىلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغان بۇلۇپ، ئارلىق يىراق بولغاچقا، سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەش جەھەتلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇققان، بۇلۇپمۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئايروپىلاندا ئېلىپ مېڭىشقا بولمىغانلىقتىن، ماشىنىدا توشۇغان، مۇساپىگىلا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. فىلىمنىڭ كىيىنكى كۆرۈنۈشلىرى خوتەننىڭ يېزىلىرى ۋە تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنغان. خوتەندە سۈرەتكە ئالغان ۋاقىت دەل 4-5- ئايلار، قۇم بورانلىق ھاۋا رايى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان چاغ بۇلۇپ، داۋاملىق توپا يېغىپ ۋە قۇم بوران چىقىپ، سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.« خوتەندە سۈرەتكە ئېلىۋاتقان چاغلاردا، كۈندە ئاغزىمىزغا قۇم -توپىلار كىرىپ كىتەتتى، تازا قىزغىنلىق بىلەن سۈرەتكە ئېلىۋاتقىنىمىزدا تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، مەيداننى بۇزىۋىتەتتى »دىدى ۋاڭ رېژىسسور. خوتەندە سۈرەتكە ئېلىش ئاخرلاشقاندىن كىيىن، يەنە نەچچە كۈندە تۇرپانغا يۆتكىلىپ، تۇرپاندىكى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان. تۇرپاندىكى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان چاغلار6-7-ئايلار بۇلۇپ، تۇرپاننىڭ ئەڭ ئىسسىق ۋاقتى ئىدى. سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 45-46گىرادۇسقا يەتكەن، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 70گىرادۇستىن ئىشىپ كەتكەن چاغلاردىمۇ يەنىلا سۈرەتكە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن.« شۇ ۋاقىتلاردا سۈرەتكە ئېلىش گوروپپىمىزدا كۈندە بىر نەچچەيلەنگە ئىسسىق ئۆتۈپ قالاتتى، ھەتتا ئايلىنىپ قالىدىغانلارمۇ بار ئىدى» دىدى ۋاڭ رېژىسسور ئۇھ تارتىپ،« ئەمما ۋاقىت قىس، كۆپچىلىك يەنىلا چىشىنى چىشلەپ سۈرەتكە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.».شۇنداق قىلىپ جىياڭنەندىكى سۇ يۇرتىدىن تەكلىماكان قوملۇقى بويىدىكى كەنىتلەرگىچە بولغان سۈرەتكە ئېلىش مۇساپىسى بەشمىڭ چاقىرىم بولغان «يىپەك يولى رىۋايىتى» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۈرۈشتى ھەم قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا ۋاڭ رېژىسسوردىن يەنە شىنجاڭغا كىلىپ فىلىم ئىشلەش خىيالىنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ چاقچاق قىلىپ« شىنجاڭغا تېخى قانمىدىم ، ئەلۋەتتە يەنە بارىمەن» دىدى. « غېرىب - سەنەم » ھىكايىسى ۋاڭ رېژىسسورنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ھىكايە بۇلۇپ، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ساپ مۇھەببەت ۋاڭ رېژىسسورنى قاتتىق جەلپ قىلغان بۇلۇپ، شىنجاڭلىق ئارتىسلارمۇ ۋاڭ رېژىسسوردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان،« مەن «يىپەك يولى رىۋايىتى»نى ئىشلەش جەريانىدا شىنجاڭلىق ئارتىسلارنىڭ كەسىپچانلىقى، ئىزدىنىش، تىرىشىش روھىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم، بولۇپمۇ سېنارىيە پۇتۇن خەنزۇچە بولغانلىقتىن، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئارتىسلىرىمىز ناھايتى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتى، ئەمما ئۇلار باشقىلاردىن بۇرۇن تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، سېنارىيەنى يادلاپ، بۇ قىيىنچىلىقلارنى پۈتۈن ھەل قىلدى. سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدىمۇ، سۈرەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن شۇ يەرگە بېرىپ، تۇرمۇش ئۆگىنىپ، تەييارلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل كەسپىي ئەخلاقى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئارتىسلىرىمىزنىڭمۇ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، شۇڭا ئەگەر پۇرسەت بولسا، چوقۇم يەنە شىنجاڭغا كىلىپ يەنە فىلىم ئىشلەيمەن.».مەن ئاخىرىدا ۋاڭ رېژىسسورغا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر